خىتاي «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى

خىتاي «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى

ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 24-مارت خەۋىرى

 

24- مارت خىتاي دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى خەۋەر ئىشخانىسى 15مىڭ خەتلىك «2020- يىللىق ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا قارشى ئۆچ ئېلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەرىپلىدى.

 

خىتاينىڭ ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتى جەمئىي 6 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2020- يىللىق ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن. كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا تورىنىڭ شۇ كۈندىكى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا بۇ ئاتالمىش جىنايەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك تېمىلارغا بۆلگەن : 1. يۇقۇم كونتروللىقىنىڭ مەغلۇبىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانلار ئارىسىدىكى پاجىئەلەر؛ 2. ئامېرىكىچە دېمكراتىيەنىڭ مەغلۇب بولۇشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان سىياسى قالايماقانچىلىق؛ 3. ئىرقىي كەمسىتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ پاجىئەلىرى؛ 4. ئۈزلۈكسىز داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان جەمئ‍ىيەتتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلەر؛ 5. بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدىكى قۇتۇبلىشىشىنىڭ چوڭىيىشىدىن كېلىپ چىققان جەمئ‍ىيەتتىكى تەڭسىزلىك؛ 6. خەلقئ‍ارا قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپەتلەر.

 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئامېرىكىنى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەقىيقى ئىش تېرىغۇچى دەپ تەرىپلىگەن. خىتاينىڭ بۇ دوكلاتىغا قارىتا ھازىرچە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىنكاس قايتۇرغانلىق توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنمىغان.

 

شىنخۇا تورى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ ئۇلىنىشى:

 

http://www.xinhuanet.com/world/2021-03/24/c_1127250192.htm

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

فەيسبۇك: خىتاي خاككېرلىرى ساختا ھېسابات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىدى

چا مارت 24 , 2021
فەيسبۇك: خىتاي خاككېرلىرى ساختا ھېسابات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىدى

You May Like