خىتاي ئالىي ئەمەلدارلىرى «شىنجاڭدىكى قاتتىق باستۇرۇش چوقۇم داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.

ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم غەربتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا، بىراق خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋاڭ ياڭ « قاتتىق باستۇرۇش چوقۇم داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.

گاردىيان گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى : 2019- يىلى 26- مارت

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-3-26

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم غەربتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا، بىراق خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋاڭ ياڭ « قاتتىق باستۇرۇش چوقۇم داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋاڭ ياڭ 20-25 مارت شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى قەشقەر، تۇمشۇق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ قاتتىق باستۇرۇشنىڭ تىخىمۇ كۈچىيشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە:« ھۆكۈمەت چوقۇم مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرورىزم، ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت « ئۈچ خىل كۈچ»نى قاتتىق باستۇرۇش، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى مۇكەممەل ئىزچىللاشتۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قاتتىق باستۇرۇش» يوليورۇقىنى بەرگەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى غەربتە كۈچلۈك ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل دېپلوماتلىرى ۋە تاراتقۇلارنى  پىلانلىق زىيارەتكە تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ.

بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىلىرى گەرچە تەكلىپنامە تاپشۇرىۋالغان بولسىمۇ، بۇ ھەپتە شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل زىيارەتكە « ئىھتىياتچانلىق بىلەن تەييارلىق قىلىش»  كېرەك بولۇپ، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالدىنئالا تەييارلانغان ساياھەتكە بېرىش كىشىلەرنى بۇ رايون توغرۇلۇق خاتا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىملىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشى « سىياسىي قىلتاق » بولۇپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئىكەن. دىلشات رېشىت باياناتتا :« بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىملىرىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر رايوننى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقنى تەلەپ قىلىش، خىتاينىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان سىياسىي ئويۇنلىرىنى رەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دىدى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.theguardian.com/world/2019/mar/26/xinjiang-crackdown-must-continue-top-china-leader-says

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېو ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتى

پە مارت 28 , 2019
مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) جازا لاگىرىدىكى قىيناش ۋە ئۇرۇشلاردىن ئامان قالغۇچى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن سولانغان كامىردىلا توققۇز ئايال ئۆلۈپ كەتتى.»

You May Like