ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24- نويابىر
خىتاي تاراتقۇسى «شىنخۇا» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 22-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە بېيجىڭدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئارقا سەپ تەمىنات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا شى جىنپىڭ قاتناشقان ھەمدە ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى « ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن» دەپ تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭ يىغىندا ئازادلىق ئارمىيە ئارقا سەپ تەمىنات قىسمىغا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان: « خىزمەت نۇقتىسىنى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش»، «ئاكتىپ ھالدا يېڭىلىق يارىتىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش»، « بارلىق خىزمەتلەر ئۇرۇش ئۈچۈن دېگەن ئىدىيەنى ئاساس قىلغان ئارقا سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش».
خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۆشىيا يىغىندا سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭ چۈشۈرگەن مۇھىم يوليورۇقلارنى شۇنداقلا بارلىق تەدبىرلەرنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئارقا سەپ تەمىناتىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ ئۇنى قايتا راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا كۈچلۈك بولغان زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىنات سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋى ھەربىي ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى ۋە زامانىۋى ھەربىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان.
مەنبە: فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورى
تەييارلىغۇچى: ئارمان