شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلدى

شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلدى

 شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-دېكابىر

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 7-دېكابىر چارشەنبە كۈنى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادقا يېتىپ كەلگەن. بۇ ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا 2016-يىلىدىن بۇيان قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئورگان تەرەپ ئۇچۇر ئاگېنتلىقى SPAنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى نىڭ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدا دەسلەپكى قەدەمدە 29،26 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سودا توختامى تۈزۈش پىلانلانغان.

خەلقئارا خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا ئەرەب يېرىم ئارىلى، پارىس قولتۇقى ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان سەئۇدى بىلەن بولغان نېفىت ئېكسپورت توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىدەك ۋەزىيىتىدە، خىتاي رەئىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشىپ سەئۇدىنى زىيارەت قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا CNN تورى خەۋىرى : خىتاي دۇنيا مىقياسىدا يۈزدىن ئارتۇق ساقچى پونكىتنى قۇرغان

پە دېكابىر 8 , 2022
ئامېرىكا CNN تورى خەۋىرى : خىتاي دۇنيا مىقياسىدا يۈزدىن ئارتۇق ساقچى پونكىتنى قۇرغان

You May Like