شى جىنپىڭ بىلەن جو بايدىن نېمىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى؟

ئامېرىكا پرىزېدېنتى جو بايدىن بۈگۈن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سىن سۆھبىتى ئېلىپ بارغان

 

سۈرەت مەنبەسى: رويتېرىس ئاگېنتلىقى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16- نويابىر

 

 ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن 8دىن 45 ئۆتكەندە رەسىمى باشلاندى. يىغىنغا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئامېرىكا تەرەپتىن: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكىن(Antony Blinken)، مالىيە مىنىستىرى جەينېت يېللېن(Janet Yellen)، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان(Jake Sullivan)، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايون ماسلاشتۇرغۇچى خادىم كۇرت كامبېل (Kurt Campbell)، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتاي ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى لائۇرا روسېنبېرگېر(Laura Rosenberger)، ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى جون زىن(Jon Czin) قاتارلىقلار قاتناشتى. خىتاي تەرەپتىن: خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېت باش ئىشخانىسى مۇدىرى دىڭ شۆشىياڭ، خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ خې، مەركىزى كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مۇدىرى ياڭ جيېچى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ۋە مۇئاۋىن مىنىستىر شيې فېڭ قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

پرېزىدېنت بايدىن تەرىپىدىن تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىپ ئېچىلغان بۇ يىغىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىسقىچە سۆزلىگەن باشلىنىش نۇتقىدىن كېيىن يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ جەمئىي ئۈچ يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. بۇ پرېزىدېنت بايدىن ھوقۇققا چىققاندىن بۇيانقى شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي يوسۇندا سىن ئارقىلىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق يىغىندا ئۇلار پەقەت تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن.

باشلىنىش نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بېرى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ۋە «ئەسلىدە مەن بۇنىڭدىنمۇ رەسمىي يوسۇندا باشلىنىش سۆزىنى قىلسام بولاتتى، سىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئەزەلدىن بۇنداق رەسمىي يوسۇندا سۆز قىلىشىپ باقمىغان» دەپ سۆزىنى باشلىغان. ئۇ باشلىنىش سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن :« بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بولسا، مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،  ئېنىقىنى دېگەندە بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى رىقابەتنىڭ ئوچۇق -ئاشكارا ۋە بىۋاسىتە بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە مۇۋاپىق بولغان توسۇقلارنى تونۇپ يېتىپ، مەۋجۇت بولغان توقۇنۇشلارغا تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا ۋە سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ساھەلەردە بولسا ئورتاق تىرىشىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردە.» 

ئۇ يەنە ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ پەقەتلا ئىككى دۆلەت بىلەن چەكلەنمەستىن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى پەقەتلا ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى دۇنيا خەلقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پرىنسىپ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى دەپ ئۆتكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ۋە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى شەرھلىگەن. 

پرېزىدېنت بايدىننىڭ باشلىنىش نۇتقىدىن كېيىن شى جىنپىڭ سۆزگە چىقىپ ئالدى بىلەن بايدىننى «قەدىناس دوستۇم» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا- خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن ھالقىلىق باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى، نۇرغۇن رىقابەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە شۇنداقلا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»دىكى دائىمىي ھەيئەت دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 

شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە : « بىز بىر تەرەپتىن ئۆز دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم» دېگەن. ئۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش توغرىسىدا مەيدانىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن:« ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان خەلقئارالىق ۋەزىيەتنى يارىتىشىمىز كېرەك، دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسى، يۇقۇم مەسىلىسى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ساغلام بولغان ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىمىز، شۇنداق بولغانىكەن ئىككى تەرەپ ئۆز -ئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، تىنچ مۇقىم بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەت ئېلىشىمىز كېرەك. مەن پرېزىدېنت ئەپەندىم بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى خالايمەن، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاكتىپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچى بولۇشنى خالايمەن.»   

يىغىن ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ باشلىنىش نۇتقىدىن كېيىن يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرى سىرتقا تولۇق ئاشكارىلانمىغان. ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى bbc نىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە كىشىنىڭ دىققىتىنى چەككەن ئەڭ مۇھىم نۇقتا، يەنى تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ يىغىندىن كېيىنكى بەرگەن باياناتلىرى پەرقلىق بولغان. ئاق ساراينىڭ بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەن مەسىلىسىدە بايدىن ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت «بىر خىتاي سىياسىتى» گە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەمما بۇ سىياسەتنىڭ « تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى»، «ئۈچ بىرلەشمە بايانات» ۋە «ئالتە تۈرلۈك كاپالەت» نىڭ يېتەكچىلىكىدە يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ھازىرقى تىنچ ۋە مۇقىم ھالىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق تاق تەرەپلىك ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي كومپارتىيە تاراتقۇسى بولغان «شىنخۇا» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەرگەن خەۋىرىدە ئىشلەتكەن ئىبارىلىرى ئاق ساراي بىلەن پەرقلىق بولغان.

«شىنخۇا» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا پرىزېدىنتى بايدىننىڭ يۇقىرىدا دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان :« ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان «بىر خىتاي سىياسىتى»  گە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەننىڭ مۇستەققىلىنى قوللىمايدۇ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» بايدىننىڭ سۆزلىرىگە سېلىشتۇرغاندا شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئامېرىكىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن قىياپەتتە تەرىپلەپ مۇنداق دەپ يازغان: « تەيۋەن بوغۇزى رايونى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جىددىيچىلىك ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، چۈنكى تەيۋەن دائىرىلىرى ئامېرىكىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار تەيۋەن ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ، بۇ خىلدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك، بۇ خۇددى ئوت بىلەن ئويناشقانلىق، ئوت بىلەن ئويناشقاندا ئۆزىڭىز كۆيۈپ كېتىسىز… دۇنيادا بىرلا خىتاي بار، تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى خىتاي دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر دۆلەتتۇر،بىرلىككە كەلگەن خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىدۇر،
بىز بىرلىككە كېلىش ئىشلىرىدا سەمىمىيىتىمىز، تىرىشچانلىقىمىز ۋە سەۋرچانلىقىمىز بويىچە تىرىشىمىز، ئەمما تەيۋەن مۇستەقىل كۈچلىرى بىزنى مەجبۇرىي قىلغان چاغدا، بىز چوقۇم قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن يانمايمىز.»

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە bbc نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە ئاق ساراي باياناتىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: « پرېزىدېنت بايدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پەقەت بىرلا ئېغىز گەپ قىلغان، ئۇ بولسىمۇ: » خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان.ت)، تىبەت خوڭكۇڭلاردىكى قىلمىشلىرىغا شۇنداقلا كەڭ كۆلەمدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز.» ئەمما خەۋەردە بۇ ھەقتە شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى ياكى باشقا تەپسىلىي مەزمۇنلار ئاشكارىلانمىغان. ئەمما «شىنخۇا» ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قارشى كونا سەنىمى بويىچە « ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرغان.

پرېزىدېنت بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈشى ئاخىرلىشىشى بىلەن خىتاي تەرەپ بۈگۈن تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى « تارىخى قارارنامە» نى ئېلان قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە،  36مىڭ خەتلىك قارارنامىدە ئاساسلىقى تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بىرلىككە كېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پۈتۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم تارىخى ۋەزىپە دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئۈچىنچى قارارنامىسى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى چەككىنى بۇ قارارنامىنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىنىشى بولغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى مۇھىم ئەسكىرى شۇرا يېغىنى ئاچتى

سە نويابىر 16 , 2021
تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى مۇھىم ئەسكىرى شۇرا يېغىنى ئاچتى

You May Like