خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى: خىتاينىڭ يوشۇرۇن 6 تىرلىيون دوللار يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرزى بار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئەۋىلىن چېڭ، س ن ب س خەۋەر تورى

تەرجىمان: ئىرفان ئامىركا

تۈزەتكۈچى: ئوسمان قازى

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خەلقئارا مالىيە ئىناۋەت دەرىجىگە تىزغۇچى ستاندارد ۋە پۇر(S&P) نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە،خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى يوشۇرۇپ ئېلان قىلمىغان قەرزى نەچچە ترلىيون ئامىركا دوللىرىغا يىتىپ، ئومۇمىي ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ خىتاي GDPسىگە بولغان نىسبىتى تەشۋىشلەنگۈدەك سەۋىيەگە كەلگەن.

 

مەركىزى ھۆكۈمەت تەستىقلاپ، يەرلىك ئۇل-مۇئەسسەلەرگە سېلىنغان مەبلەغ بىلەن مالىيەلەشتۈرۈشكە سېلىنغان مەبلەغ ئارىسىدىكى پەرق ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. نەتىجىدە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە دوكىلاتى بالانىس جەدۋىلىگە كىرگۈزمەي، يوشۇرغان قەرزى ئېلان قىلغان قەرزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. كرېدىت ئانالىزچىسى لۇ گلىورىيە، لى لاۋرا ۋە ئۇلارنىڭ گۇرۇپىسىدىكىلەر تەييارلىغان دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشچە، خىتاي يەرلىك ھۆكىمەتلىرى يوشۇرغان قەرزى تەخمىنەن ئوتتۇز-قىرىق تىرلىيون يۈەن (4.34~5.78 تىرلىيون دوللار) ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ خىتايغا كىلىدىغان يوشۇرۇن كىرىدىت خەۋىپىنىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ئۆتكەن يىلىدىكى ئومۇمىي ھۆكىمەت قەرزى خىتاي GDPسىنىڭ 60%تىنى ئىگەللەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

ھەرقايسى رايۇنلاردىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنى غىدىقلاش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇل-مۇئەسسەلەرگە كۆپ مەبلەغ سېلىپ ،بۇنى “يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيە ۋاستىسى”دەپ ئاتىغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئىيتىشىچە ،سېلىنغان مەبلەغ مىقدارىنىڭ تەپسىلاتى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكى مالىيە ۋاستىسىغا سىلىنغان مەبلەغلەر ئىكەن.

 

بىيجىڭ مالىيەلەشتۈرۈشنى بالانىس جەدىۋىلىگە كىرگۈزۈشكە كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە چوڭ ئۈنىمى كۆرۈلمىگەن. كەلگۈسىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكىمىتى يەرلىك ھۆكىمەتلەر قايتۇرالمايدىغان قەرز مىقدارى چەكلىمىسىنى بوشىتىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.  ئالدىنقى ئايدا S&Pخىتايدىكى يەتتە مالىيە ۋاستىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىككىسى بىيجىڭنىڭ يېنىغا جايلاشقان تىيەنجىن شەھىرىدە ئىكەن.

مەنبە: https://www.cnbc.com/2018/10/16/china-hidden-local-government-debt-could-be-6-trillion-sp.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئون ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنىڭ شى جىنپىڭغا يازغان خېتى: دىنىي زىيانكەشلىكنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى!

جۈ ئۆكتەبىر 19 , 2018
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ياۋروپا ئېتقاد ئەركىنلىكى بىرلەشمىسى تەرجىمان: ئەردەم تەھرىرى: تارىم ئۆتۈكەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى جىددىي مۇراجىئەتنامە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىگە تۆۋەندىكى تەشكىلات ۋە شەخىسلەرگە ئۇچۇر: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى ياۋروپا كومىتىتى باش كاتىپى ياۋروپا كومىتىتى رەئىسى ئامرىكا پىرىزدىنتى مۇستەقىل دۆلەتلەر […]

You May Like