خەلقئارا مېيىلار ئولىمپىك كومېتىتى رەئىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە قىلغان سۆزلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەرجىمە قىلىمنىغان

خەلقئارا مېيىلار ئولىمپىك كومېتىتى رەئىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە قىلغان سۆزلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەرجىمە قىلىمنىغان

 خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەرجىمە قىلىنمىغان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 05-مارت

 

ئارمان

 

4-مارت « قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىكى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاندرېۋ پارسون ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇز ئۇرۇشى توغرىسىدا توختالغان. ئەمما خىتاي تاراتقۇسى CCTV نىڭ نەق مەيدان تەرجىمانلىرى ئۇنىڭ ئۇرۇشنى ئەيىبلەپ قىلغان سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلمىغان.

 

خەلقئارا مېدىئالارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرى تەرجىمە قىلىنمايلا قالماستىن بەلكى ئەسلى ئاۋازىمۇ قەستەن تۆۋەنلىتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى نۇتقى تۆۋەندىكىچە: « بۈگۈن مەن تىنچلىق توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش بىلەن سۆزۈمنى باشلاشنى ئويلىدىم. كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىقنى ئۆزىنىڭ يادرو قىممەت قارىشى قىلغان بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ لېدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار مېنى ھەيران قالدۇردى…21-ئەسىر ئەسلى دىئالوگ ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان دەۋر بولۇشى كېرەك ئىدى، ئۇرۇش ياكى ئۆچمەنلىك بىلەن مەسىلىنى ئەسلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئولىمپىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسى ب د ت تەرىپىدىن ماقۇللانغان، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز ئۆچمەنلىك، رىقابەت، كەمسىتىش بولمىغان ئۆز ئارا مېھرىبانلىقنى ئاساس قىلغان دۇنيانى قۇرۇپ چىقىش…» ئۇ سۆزىدە گەرچە رۇسىيە ياكى ئۇكرائىنانى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بۇ سۆزلىرى نۆۋەتتىكى ئۇرۇشقا قارىتىلغىنى ئېنىق ئىدى.

 

مەلۇم بولغىنىدەك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن بايقۇت قىلىش سادالىرى چىققاندا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار «تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى ئارىلاشتۇرماسلىق» دېگەن سەپسەتىسى بىلەن قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيەسىدە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى : ئامېرىكا نېمىشقا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتالمايدۇ؟

شە مارت 5 , 2022
ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيەسىدە: ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى « ئامېرىكا نېمىشقا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختاتمايدۇ؟»دەپ سوئال قويدى

You May Like