فىرانسىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى « خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە بايانات بەردى

فىرانسىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى « خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە بايانات بەردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 14-دېكابىر

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە فىرانسىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئىشخانىسى»نىڭ باياناتىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سوتسىيال مېدىئاسى بولغان مىكرو بلوگىدىكى بۇ بايانات 64مىڭدىن ئارتۇق خىتاي تورداشلارنىڭ يۈرەك بېرىشىغا ئېرىشكەن. نۇرغۇن خىتايلار بۇ باياناتنى تىللاپ ئىنكاسلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ ئەمما بەزى خىتايلار بۇنى ماختاپ:« فىرانسىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى ھەقىقەتەنمۇ مىكرو بلوگتىكى بىر ماياك بولدى» دېيىشكەن.

فىرانسىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مىكرو بلوگىغا ئەگەشكەن ئادەم سانى 450مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر بايانات بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي تور دۇنياسىدىكى ئەڭ قىززىق تېمىغا ئايلانغان. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوختۇرخانا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى «نەتىجىلىرى»نى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇن قىلىش، نازارەت ئاستىغا ئېلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش، جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىغا بولغان دەپسەندىچىلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنىپ تەنقىدلەنگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان. باياناتتا يەنە خىتايدىكى ناھەق تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىۋىستلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىلھام توختى بىلەن تاشپولات تېيىپنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. 

مەزكۇر بايانات فىرانسىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ قىزغىن خەۋەر قىلىنىپ تارقىتىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاخبارات قاناللىرى فىرانسىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ قىلمىشىنى «مۆجىزە» دەپ تەرىپلىگەن. 

تەييارلىغۇچى: يۈسۈپجان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ھۆكۈمەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

چا دېكابىر 15 , 2021
تۈركىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ھۆكۈمەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

You May Like