خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان «سېستىمىلىق باستۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا قامال قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى زەربە بېرىشتە تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلقنىڭ تەقدىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار ھەققىدە ئىزدەنمەكتە

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىل 25- سېنتەبىر

ئەلجەزىرە ئىنگىلىزچە تورى

تەرجىمان: تارىم قىزى

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئ‍اگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]    

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان «سېستىمىلىق باستۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا قامال قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.  

ب د ت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» دەۋالغان، ئەمما قامالغۇچىلارنىڭ تۇققانلىرى «جازا لاگېرى» دەپ ئاتايدىغان ئورۇنلارغا سولاپ قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. خىتايدىن قېچىپ چىقالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ساناقسىز گۇۋاھلىقلىرى بۇ تۈركىي قەۋمنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىلەيدۇ.

لاگېر ئىچىدە قامالغانلار ئىسلامدىن ۋە شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان خىتاي مەدەنىيىتىدىن پەرقلىنىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماقتا.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ يىرگىنىشلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا يول قويماسلىق كېرەك» دەيدۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى نىكولاس بېكۇلىن، «ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى شىنجاڭ (ش ت- ت) دا قانات يېيىۋاتقان بۇ قاباھەتلىك ۋەقە ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق تۈپەيلى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىلەر خانىۋەيران بولدى.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇق- تۇققانلىرى يۇرتى شىنجاڭ (ش ت- ت) دا غايىب بولغان ۋە لاگېرلارغا سولانغان يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى بىرمۇ- بىر زىيارەت قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېردا قارشىلىق كۆرسەتكەن ياكى مەجبۇرلانغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەلمەي قالغانلار تاياققا ۋە باشقا خىلدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان. «كۆلىمى زور بولغان بۇ لاگېرلار ئەمەلىيەتتە مېڭە يۇيۇش، قىيىن- قىستاق ۋە جازا ئۇۋىسىدۇر» دەيدۇ بېكۇلىن.

خىتايدا ھازىر ئۇيغۇرلار بارلىق ئىش- ھەرىكىتى نازارەت قىلىنىش ۋە ئۇلارغا چەكلىمە قويۇلۇش، دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىش قاتارلىق باستۇرۇشلارغا دۇچار بولماقتا. مەزكۇر تەشكىلات يەنە خىتاينىڭ ھەتتا جاسۇس ياللاپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىشپيونلۇق قىلدۇرۇپ، يۇرتىدىن قېچىپ چىققان بۇ كىشىلەرگە بېسىم چۈشۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

خىتاي ئۇيغۇرلارنى سېستىمىلىق باستۇرۇش ھەققىدىكى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى، ئەمما مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنىڭ بىتەرەپ ھالدا نازارەت قىلىپ بېرىشىغا يول قويمىدى.

مەنبەسى: https://www.aljazeera.com/amp/news/2018/09/amnesty-demands-answers-china-internment-uighurs-180925054340843.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

دوكتۇر ئەركىن سېدىق ۋاشنگىنتوندا لېكسيە سۆزلەيدۇ!

سە ئۆكتەبىر 2 , 2018
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارسىنىڭ ئوپتىك ئىنژىنىرى دوكتۇر ئەركىن سېدىق ئەپەندى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىگىلىلك تىكلەش بازىسى بولغان «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى«نىڭ تەكلىۋى بىلەن ۋىرگنىيە شتاتى فايىر فاكس شەھىرىگە جايلاشقان پائالىيەت مەركىزىدە بىر مەيدان ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارىدىكەن.

You May Like