خەلىقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى 11 نەپەر ئۇيغۇر ئەدىپىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى

خەلىقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى 11 نەپەر ئۇيغۇر ئەدىپىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى

خەلىقئارا  قەلەمكەشلەر جەمىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى 11 نەپەر  ئۇيغۇر ئەدىپىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى

 

 باش شىتابى لوندوندىكى خەلىقئارا  قەلەمكەشلەر جەمىيىتى تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنى قوغداش كومېتىتى بىلەن مەزكۇر جەمىيەتنىڭ تارمىقىدىكى ئۇيغۇر  قەلەمكەشلەر  مەركىزى 2018-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ھاكېميىتى تەرپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلنغان ۋە جازا بېرىلگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ دىلوسىنى بىرلكىتە ئىشلەشنى باشلىغان ئىدى. يېرىم يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت ئىزدىنىش ۋە ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە «خەلىقئارا  قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ 2018-يىللىق مەھبۇسلار تىزىملىكى«[ PEN International Case List 2018] ئېلان قىلىنىپ، بۇ تېزىملىكنىڭ «ئاسىيا ۋە تېنىچ  ئوكىيان«[Asia and Pacific Case List ] بابىنىڭ تۇنجى بېتىدە  39- بېتىدە راھىلە داۋۇت، ئابدۇكېرىم راھمان، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئابدۇقادىر جالالىدىن مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، مەزكۇر  دوكىلاتنىڭ 61- بېتىدە بولسا مەخسۇس تۈرمىدىكى ئۇيغۇر  يازغۇچى، ئاكادېمىك، شائىر ۋە ئەدىبلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان بولۇپ، بۇرۇن قولغا ئېلىنغان ئىلھام توختى، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر، غەيرەت نىياز، گۈلمىرە ئىمىن ۋە 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە  قولغا ئېلىنغان راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئابدۇراھمان ئەبەي، ئابدۇكېرىم راھمان، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىق جەمئى 11 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىنغان . ئۇشبۇ دوكىلات مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان 145 دۆلەت ۋە رايۇندىكى قەلەمكەشلەر تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۆز دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلىقئارالىق تەشكىلاتلارغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇلۇپ، خىتاي ھۆكۇمىتىدىن بۇ بىگۇناھ ئەدىبلەرنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

 * خەلىقئارا  قەلەمكەشلەر جەمىيىتى[PEN International] 1921- يىلى لوندوندا قۇرۇلغان، ئىنسانلارنىڭ يېزىش، پىكىر قىلىش ۋە نەشىر قىلىش ھوقوقى ۋە يازغۇچىلار ھوقوقلىرىنى قوغدايدىغان،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر  تەشكىلاتى «ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» غا ئاساس سالغان دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.  جۇملىدىن مەزكۇر تەشكىلاتقا مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر  مەركىزى  [PEN International Uyghur Centre] –  2008- يىلى رەسمى ئەزا بولۇپ كىرگەن،  بىردىن بىر خەلىقئالىق تەشكىلات تارمىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

ھۆرمەت بىلەن،

خەلىقئارا  قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.

-2019يىلى 28- ماي.

 

https://pen-international.org/centres/uyghur-centre

http://www.uyghurpen.org/board-members

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا خىتاينى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى ھېيتتىن بۇرۇن قۇيۇپ بېرىشكە چاقىردى

پە ماي 30 , 2019
2019- يىلى 29- ماي، ئامېرىكا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

You May Like