ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن سىرتقا قاچقان 5 مىليون ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى گۇمان قوزغىماقتا

ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن سىرتقا قاچقان 5 مىليون ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى گۇمان قوزغىماقتا. يېڭى تىپلىق ۋۇخەن تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈزلۈكسىز تارقىماقتا، ۋۇخەن شەھەر باشلىقى جوۋ شيەنۋاڭ 26.يانۋاركەچتىكى ئاخبارات يىغىنىدا بىدۈرۈشىچە

فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى خىتايچە تورى 

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 27.يانۋار

 

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-04-02

 

ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن سىرتقا قاچقان 5 مىليون ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى گۇمان قوزغىماقتا. يېڭى تىپلىق ۋۇخەن تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈزلۈكسىز تارقىماقتا، ۋۇخەن شەھەر باشلىقى جوۋ شيەنۋاڭ 26.يانۋاركەچتىكى ئاخبارات يىغىنىدا بىدۈرۈشىچە،باھاربايرىمىلىق يۇرتقا قايتىش ۋە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سەۋەبىدىن،23.يانۋارشەھەرقامال قىلىنىشتىن بۇرۇن،5 مىليوندىن ئارتۇق ۋۇخەنلىك ۋۇخەندىن ئايرىلغان،ۋۇخەن شەھرىدە يەنە9مىليون ئادەم قالغان. ۋۇخەندىن ئايرىلغان5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم زادى قەيەرگە كەتتى؟ئىگەللىنىشىچە،7515 ئادەم ئايروپىلانغا چىقىپ تەيۋەنگە كەتكەن .

 

 

 

 

خىتاي ۋاقىت گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،5 مىليون ئادەم ۋۇخەندىن ئايرىلىپ قەيەرگە كەتتى؟ 7515 كىشى تەيۋەنگە كەتكەن خىتاي سودا تورىنىڭ 2020.يىلى باھار بايرىمى مەزگىلى چوڭ مەلۇمات تەھلىلىدە مەلۇم بولۇشىچە،23.چىسلا ۋۇخەن شەھرى قامال قىلىنىشتىن بۇرۇن ۋۇخەندىن يولغا چىققان كىشىلەرتوپىنىڭ 70 پىرسەنتى خۇبېي ئۆلكىسىنى باشقا شەھەرلىرىگە كەتكەن ھالبۇكى ئايروپىلان يولۇچىلىرى ئىچىدە كۆپچىلىكى بېيجىڭغا كەتكەن؛شياڭگاڭ ،ئاۋمىن ۋە تەيۋەنگە ماڭغانلاردىن 7515 ئادەم ئايروپىلان بىلەن تەيۋەنگە كەتكەن.

 

بۇخەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە،ۋۇخەندىن يولغا چىققان ئايروپىلان ئۇچۇرلىرىدا (2019.يىلى12.ئاينىڭ 30.كۈنىدىن2020.يىلى1.ئاينىڭ22.كۈنىگىچە) كۆرسىتىلىشىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، خەيكوۋ، كۇنمىڭ، شيامېن، شېنجىن، سەنيا، نەننىڭ ۋۇخەندىن قوزغالغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالدىنقى 10 مەنزىل شەھەرلىرىدۇر.نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئورۇن سانى سىتاتىستىكىلىرىغا ئاساسەن، ۋۇخەن شەھرىنىڭ قامال قىلىنىشىدىن بۇرۇنقى 20 نەچچە كۈندە، تەخمىنەن60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ۋۇخەندىن بېيجىڭغا،تەخمىنەن50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئايرىم ئايرىم ھالدا ۋۇخەندىن شاڭخەيگە،گۇاڭجۇغا ۋە چېڭدۇغا ئۇچقان.

 

ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

شېئىر:ئۈلۈم

شە ئاپرېل 4 , 2020
بىلسەكمۇ گەرچە مەۋجۈتلىقىنى بىلمەيتتۇق بۇ قەدەر يىقىنلىقىنى. شۇئان سىرىتتا ھەممە يەردە

You May Like