ۋول سچرىت :ختتاينىڭ ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان زۇلۇمى:ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتمەكتە! ئىلان قىلىنغان ۋاقتى:12-ئاۋغۇست،18:48. ماقالە تۈرى:ۋال سچرىت باش ماقالىسى
تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ئەردەم
تەرجىمە تەھرىرى:تارىم قېزى بېكىتكۈچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
خەلقنىڭ كۈچى چەكسزدۇر ! <<ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى >>-ئۇيغۇر خەلق ھەرىكىتىنىڭ يادرولۇق قسمى ،ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقىنڭ بۇ ئاخبارات ئۇرۇشى دولقۇنى قوزغاش تەشەببۇسى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسدى پەقەت<< ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا يەتكۇزۇش ،ختتاينى يېتىم قالدۇرۇش،ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختىتشقا مەجبۇرلاشتۇر. >>شۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن 30 تاراتقۇنىڭ ۋەكىللىرى،ئۇيغۇرشۇناس ئاكادېمىكلەر جەم بولغان <<ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى خەۋەر قىلىش خەلقئارا مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى >>تەشكىللەپ ،ھەپتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر خەلقئارا خەۋەر ئشلەش ۋەزىپىسنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ،خەلقئارا مىديالاردا ئىلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى ئۇيغۇر خەلقىگە يەتكۇزۇپ كىلىۋاتىمىز،بىز جامائەتچىلىكتن بىرلا ئۈمىدىمىز:تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىنكاسلارنى تېخىمۇ ياخشى بىلسۇن،قانداق قىلىش ھەققىدە تېخىمۇ ئىنىق چۈشەنچىگە كەلسۇن دىگەندىن ئىبارەتتۇر !شۇڭا سلەرنىڭ بىزئاتايىتەن مەبلەغ،ئادەم كۈچى،ۋاقىت ،تېخنىكا سەرپ قىلىۋاتقان بۇ خىزمەتتىن نەپ كۆرۇشۇڭلار ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇپ چېقىشڭلارنى،باشقىلارغا تەۋسيە قىلىشڭلارنى سورايمىز ،>> خىتايدا ئۇيغۇر مىللىتى غايىب بولماقتا خەلقئارانىڭ دىققىتى ئانچە چۈشمىگەن ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتۇلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بولسا ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكى ۋە نېمىشقا تۇتۇلغانلىقىنى بىلەلمەي قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن. لاگېرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچى ئادرىيان زىېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرالايدىغان تورلاشقان لاگىرلار بار ئىكەن، ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمدىلىكتە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ئاز-ئازدىن ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. لاگىرلاردىن قۇتۇلۇپ، چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئاز ساندىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۇ يەردىكى ناچار مۇئامىلىلەرنى تەسۋىرلەپ ئېيتىشىچە، لاگىر ساقچىلىرى تۇتقۇنلارنى ئىسلام دىنىدىن تېنىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنى ياخشى كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان، قارشىلىق قىلغۇچىلارنى خورلىغان ياكى ئايرىم سولاپ قويغان. تۇتۇلغانلار ئاساسەن دېگۈدەك ئىلگىرى چەتئەلگە چىققان ياكى چەتئەلدە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بار كىشىلەر بولۇپ، قالغانلار بولسا سەۋەبسىز قارا -قويۇقلا سولانغان. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملار بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن قويۇپ بىرىلگەن، ئەمما مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىشى ئېنىق ئەمەس. خالىغانچە تۇتۇپ سولاش قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلغان. كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئېتنوگراڧىيە تەتقىقاتچىسى راھىلە داۋۇت گەرچە سىياسەتكە ئارىلاشمىغان، ئەپۇ -چىدامچانلىقنى تەرغىب قىلىپ كەلگەن ئايال بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىن بىيجىڭغا بارىدىغان سەپىرىدە غايىب بولغانچە تا ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان. بۇنداق چەكتىن ئاشقان ئۆلچەملەر يەرلىك نوپوسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللەتلىرى ياشايدىغان غەربى شىمالدىكى شىنجاڭ رايونىنى ( شەرقىي تۈركىستان- ت) كەڭ كۆلەمدە كونتىرول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش چىقىمى بىر ھەسسە دىگۈدەك ئاشۇرۇلغان ۋە 30مىڭ ساقچى شەھەرلەرگە يېڭىدىن ئىشقا تەيىنلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا چىراي تونۇيدىغان كامېرالارنى ئورناتقان. پۇقرالارنى بولسا ماشىنىلىرىغا ئىز قوغلاش ئەسۋابى ئورنىتىشقا ۋە يانفونلىرىغا ئۇچۇر- ئالاقە كۆزەتكۈچى دېتالى قاچىلاشقا مەجبۇرلىغان. مەجبۇرى ساغلاملىق تەكشۈرتۈش باھانىسىدا قان ئەۋرىشكىسى يىغىۋىلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك قۇرۇلىۋاتقان گېن ئامبىرىدا ئىشلىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرىگە قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەلكى ئاز بىر قىسىم كىچىك تىپتىكى قارشىلىقلاردا دائىش ياكى ئەلقائىدەنىڭ تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن. سۈرىيە ھۆكۈمىتى 5000 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيەدە دائىش بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، ئومۇمخەلق ئۇيغۇر ئاھالىسى مۆتىدىل مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، رادىكاللىقتىن يىراق. ئەگەر مەزكۇر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، بۇنى پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق يوسۇندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاتتىق جازا ۋە چەكلىمە يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىن دېيىشكە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى، ساقال قويۇشىنى، بالىلىرىغا ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشىنى چەكلىگەن. ھۆكۈمەت يەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن دىنىي بويۇملارنى ئاختۇرغان، نۇرغۇنلىغان مەسجىدلەرنى چېقىپ تاشلىغان. جۈمە كۈنى بۇ باستۇرۇشلار ھەققىدە ئۇچۇر يازغان ڧىلورىدا شىتاتلىق پارلامىنتنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىئو ئامېرىكىنى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ۋە ئۇلارنى جازالاشقا چاقىرىۋاتقان قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ بىرى. مۇئاۋىن پىرىزىدېنت مايىك پەنسمۇ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىدى. جۈمە كۈنى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تەكشۈرۈش كومىتىتى خىتاينىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە زىت ھالدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ دەلىل -ئىسپاتلىرىغا قاراپ چىقتى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر مەنالارغا ئىگە. خىتاينىڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭ ماۋزىدۇڭدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچلۈك تەشۋىقات، نازارەت ۋە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنى قوللانماقتا. خىتاي ساقچىلىرى يىڭى تېخنىكا ۋە نازارەت ئۈسكۈنلىرىنى ئەڭ ئاۋال شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان -ت) قوللىنىپ، ئاندىن ئۇنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيتمەكتە. ئامېرىكا ۋە خىتاي بىرلىكتە قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان مۇھىم مەسىلىلەر بار، ئەمما ئۇيغۇرلارنى سېستىمىلىق باستۇرۇش شىن جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى. ئەسلى مەنبەسى: https://www.wsj.com/articles/the-repression-of-the-uighurs-1534114124