ۋىزىسى بارلار ئامېركىغا كېلىڭلار، ياردەمگە بىز بار

بۇنيامىننىڭ ئاكىسى يۈسۈفمۇ مۇشۇنۇڭدەك ئوغرى ئىدى…

– ھەزرەتى يۈيسۈف ئەلەيھىسلامنىڭ قان قېرىنداشلىرى

قۇززات ئالتاي

 

بۇنيامىننىڭ ئاكىسى يۈسۈفمۇ مۇشۇنۇڭدەك ئوغرى ئىدى…

– ھەزرەتى يۈيسۈف ئەلەيھىسلامنىڭ قان قېرىنداشلىرى

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەزىز ئۇيغۇرلىرىمىز،

ئەلەم ۋە ھەسرەت ئىچىدە، ھەركۈنى بىزگە ۋەتەندىن شۇم خەۋەر كىلىپ تۇراتتى.بۈگۈن فېيسبۇكتىكى بىر قانچە يوللانمىلار مىنى بۇ چاقىرىقنى يىزىشقا مەجبۇر قىلدى. خائىننىڭ خائىنىلىقى خەنجەرنى دۈمبىدىن ئۇرسا، قېرىنداشنىڭ خائ‍ىنلىقى خەنجەرنى يۈرەكتىن ئۇراتتى. ھەزرەتى يۈسۈفنى دۈشمەن ئەمەس قان-قېرىنداشلىرى جىنىغا قەست قىلىپ قۇدۇققا ئاتقان ئىدى. ھەزرەتى يۈسۈف مىسىرغا سۇلتان بۇلۇپ بىر قورساق قېرىندىشى بۇنيامىننى ئىلىپ قېلىش ئ‍ۈچۈن قەدەھنى بوغچىسغا يۇشۇرۇپ، ئۇنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالماقچى بولغان ئىدى. ھەزرتى يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ھالدا تارىخقا ئ‍ىبرەت، قۇرئاندا ئايەت بۇلىدىغان شۇ سۆزنى قىلغان ئىدى:« ئۇنۇڭ بىر ئاكىسى بار، ئۇمۇ مۇشۇنۇڭدەك ئوغرى ئىدى!». سەبرى جەمىل ساھىبى ( سەبىرلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى) يۇسۇف ئەلەيھىسلام بۇ تۆھمەتكە سەبىر قىلدى…

ئەزىز قېرىنداشلىرىم، تۈركىيە شارائىتىدە ياشاپ مەلۇم زاتنى سۆيىسىلەر ئەيۋاللاھ، دەيدىغىنىمىز يوق. ھازىر تۈركىيە سودا ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردە خىتتاي بىلەن ئىنتايىن يېقىنلىشىپ كىتىپ بارىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مىدىيانىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن تۈركيىەنىڭ 2023 دۇنياغا خوجا بۇلىدىغانلىغا ئىشىنىپ غايىۋى بىر دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ بۇلۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيىتى ھازىر پۇلغا باغلىق بوپ قالدى. ئەرەپ شەيىخلىرىدىن كىلىدىغان پۇل كىلىدىغىنى كىلىپ، چىكىگە يىتىپ توختاپ بولدى. ھۆكىمەتنىڭ پۇلغا ئ‍ىھتىياجى بار، خىتايدا پۇل بار. بۇنى مەن چۈشەندۈرمىسەممۇ بۇلار.

مەقسەتكە كەلسەك، كانادا ھۆكىمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى كاناداغا يۆتكىمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا رازى بولسۇن! ئىنشا ئاللاھ قىلغان ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن! كاناداغا چىقىش ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىشىنى سورايمەن. قېرىنداشلىرىمىزنى دىن- ئىمان ئەدەبىياتى بىلەن قورقۇتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەيپلەيمەن. . ئىمان – مەككىدە، مەدىنىدە ۋە ياكى ئىستانبۇلدا ئەمەس، ئىمان بىر ئىنساننىڭ قەلبىدەدۇر. ئامىركىدا دىنىمىز ئىسلامنى ئەڭ گۈزەل بىر شەكىلدە ياشاۋاتىمىز. مۇشۇ يەردە نۇرى – روھى مۇھەممەدىيەنى ئۆز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تەبلىغ قىلىۋاتىمىز. شۇڭا دىن ئىمان مەسىلىسىدىن ئىككىلەنمەي كاناداغا ئەكىلەلىسە كىلىڭلار!

ئىككىنجىسى، بىر قانچە ئاي ئاۋۋال ئامىركا ۋىزىسى بارلارنى ياكى ئالالايدىغانلارنى ئامىركىغا كىلىشكە چاقىرىق قىلغان ئ‍ىدۇق. ھازىر ئونغا يېقىن بالا كەلدى. قىزلارغا بىر، ئوغۇللارغا بىر ئۆي تۇتتۇق. ياتاق ۋە تامىقى ھەل بولدى. ئۇلار ھازىر مەركىزىمىزدە كومپىتور تېىخنىكىسى ياكى ئىنگىلىزچە ئۈگىنىۋاتىدۇ. يېقىندا بىر ئ‍ادۇكات شىركىتى بىلەن توختام تۈزدۇق. پۈتۈن كۆچمەنلكىك ۋە ئ‍ادۇكات چىقىملىرىنى ھەل قىلىۋاتىمىز. بىلەت ئالالمىغانلارغا بىلەت ئىلىپ بەردۇق. بۇنى دەۋالايلى ئەمەس، ھازىرقى تۈركيىە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ تەققازاسى بىلەن دىيىشكە مەجبۇر قالدۇق.

قېرىنداشلار، ۋىزە ئالالىساڭلار ئامىركىغا بىر ئەسكى چاپان بىلەن كىلىڭلار. ئ‍اللاھ نىڭ ئىزنى ۋە ئ‍ىنايىتى بىلەن سىزنى كۈتىۋالىمىز. ھەرگىز بوينىڭىز قىسىلىپ قالمايدۇ. قورقماي كىلىڭلار. بەك ئويلاپ كىتىدىغان ئىش يوق. بىزنى ئامىركا ۋە ياۋرۇپا ساتمىدى. ئەمما باشقا دۆلەتلەر، ئاتالمىش ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى مەلۇم، شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ.

بىز ۋىزە ئىشىغا ياردەم قىلالمايمىز، مەسلەھەت بېرەلمەيمىز، ئىقىتىساد ئاجرىتالمايمىز. پۈتۈن ئىش ۋىزىنى ئالغاندىن كىيىن باشلىنىدۇ.

بىزگە دۇئا قىلىڭلار قېرىنداشلار، ئىشنىڭ جىقلىقىدا، مۈشكۈللىكىدە تېخى ئامىركا ھۆكىمىتىدىن 100 ياكى 1000 دىگەندەك بەلگىلىك بىر سان بىلەن ئۇيغۇر ئەكەلگىلى بۇلارمۇ، بۇنى نەدىن باشلايمىز، كىمدىن باشلايمىز بىلمەيمىز. ئەمما دۇئا قىلىڭلار، يوللىرىمىز ئ‍ىچىلسۇن، بىزمۇ بېرىپ ئىچىلغان يوللاردا قېرىنداشلارغا يول ئاچايلى.

ۋىزە ئىلىپ بولغانلار، ۋىزە ئىلىپ بولغانلار ۋە ۋىزە ئىلىپ بولغانلار بىزگە تۆۋەندىكى بەتتىن خەت يازسۇن. بىز قۇلىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمىز.

https://www.facebook.com/uyghurEN/

ساھىبسىزلەرنىڭ ساھىبى ئاللاھ بىزگە ساھىب چىققۇسى! قەلبىمىز ھەسرەتكە تولدى ئەمما مەيۈسلەنمەيلى!

قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھىرلىنىپ قويغايسىز…..

ھۆرمەت بىلەن:

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى

 

ئەسكەرتىش: ئالدىراش، ھاپىلا، شاپىلا يىزىلدى، سەھۋەنلىكلەرنى كەچۈرۈڭ!

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئامېرىكا خىتاينىڭ سودا مەخپىيەتلىك ئوغرىلىقىغا قارىتا تەدبىر تۈزدى

جۈ نويابىر 16 , 2018
ئامېرىكا ۋال كوچىسى گېزىتى ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىدىن نەقىل قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولغان بىر يۈرۈش تەدبىرنى قارار قىلدى، جۈملىدىن ئېكسپورتنى تىزگىنلەش، قانۇن شىكايىتى ۋە باشقا ئۇسۇل ۋاسىتەلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقى ئوغرىلىقىغا قارشى تۇرماقچى. يېقىندا ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كىرىستال لامپا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت مېكروننى قوغداپ قالدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەقىلى مۈلۈك ھوقوقىنىڭ

You May Like