خىتاينىڭ يېڭى شىنجاڭدا: ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھىتى، ساقچى ۋە تەشۋىقات

خىتاينىڭ يېڭى شىنجاڭدا: ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھىتى، ساقچى ۋە تەشۋىقات

 ئەنگلىيە «مۇستەقىل» The Independent گېزىتىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدىقۇت

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24-ئاۋغۇست 

بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ بېسىمدىن  قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى، ئىشغال ئاستىدىكى ئۇيغۇرىستاندا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان، كۆپ خىل ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان بىر رايون  بەرپا قىلماقچى، ئەمما كەيت كادېلنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا  رېئاللىق بەك قورقۇنچلۇق.

» دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ئۇيغۇرىستاندا بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىشنى بۇرۇنقىدەك كۈچەيتىدۇ، چۈنكى ئىشغال ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاننى ساياھەت قىلغۇچىلار  بۇ رايوننىڭ  ئۇيغۇر ئىسلام  مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، يېڭى ئۇسلۇبتىكى ساياھەت مەركەزلىرىدىن زىيارەت قىلىدۇ. «
ساياھەتچىلەر  خىتاي كوممۇنىست  ھاكىمىيىتىنى مەدھىيەلەيدىغان تەشۋىقات تاختىلىرى ئارىسىدا، يەرلىك ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ تۆگىگە مىنىپ سۈرەتكە چۈشتى.

(Reuters)قەشقەردىكى كونا شەھەردە تۆگە سەيلىسى قىلغان ساياھەتچىلەر كۆرگەزمىسىدە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىيىملەرى كىيىلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خۇلاسىسىگە ئاساسلانغاندا : خىتاي 2016 يىلدىن بېرى بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرلارنى يېڭىدىن تەربىيەلەش نامى ئاستىدىكى قايتا  تەربىيەلەش  مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرماقتا، خىتاي بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى  باستۇرۇشنى ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

خىتاي ئۇيغۇرىستاندا، ھەرخىل ساياھەت گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىجابىي تەجرىبىلەرنى توپلاشنى مەقسەت قىلغان، ترىليونلارچە پۇل خەجلەيدىغان يەرلىك  خىتاي ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ، شۇلارغا لايىق، خىتايچە سۆزلەيدىغان، خىتاينى سۆيىدىغان، كۆپ مىللەتلىك بىر رايون بەرپا قىلماقچى.  

بېيجىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ئەركىن ساياھەت قىلالايدىغانلىقىنى دېدى، ئەمما بىز بۇ رايونغا قىلغان ئىككى ھەپتىلىك سەپىرىمىزدە كېچە -كۈندۈز پۇقراچە كىيىنگەن كىشىلەر بىزنىڭ ئىزىمىزغا چۈشتى.
بىزنىڭ ئىزىمىزغا چۈشكەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكنى ئېنىقلىيالمدۇق، بىز ئۇنىڭغا يېقنلاشساق ئۇ بىزدىن ئۇزاقلاشتى ۋە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

 

(Reuters) ئۇرۇمچىدا بىر نەچچە كۈن مۇخبىرلارغا ئەگىشىپ كەلگەن نامەلۇم كىشى.

مۇخبىرلار قەشقەر شەھىرىدە مېھمانخانىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ بىر سائەتتىن ئىچىدە، مېھمانخانىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا سىم توسۇقلار قويۇلدى ۋە قەۋەتلەردىكى جىددىي چىقىش ئىشىكلىرى قۇلۇپلاندى.

ئۇيغۇرىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، فورما كىيگەن ساقچىلار ئايروپىلان ئۇچۇش يولىدا توختىغاندا ئايروپىلانغا چىقتى ۋە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەي  يولۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا  مۇخبىرلارنى ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كېنشكىسنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇلار تۇرماقچى بۇلغان مېھمانخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىدى.

(Reuters) بىر ساقچى ئۇرۇمچى ئايرودرومىدا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەي تۇرۇپلا مۇخبىرلارنى ئايروپىلاندىن چۈشۈشكە بۇيرۇدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇرستاندىكى يەرلىك  قورچاق ھۆكۈمەت، كونكرېت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ياكى رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى كۈتۈشلەر توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىگە قارىتا، خىتاي ھەر ۋاقىت ئوچۇق ۋە قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ كەلدى، مۇخبىرلار چوقۇم خىتاينىڭ رايوندىكى قانۇن تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

(Reuters)قاراقاشتىكى چېقىۋېتىلگەن مەسچىتنىڭ يېنىدا بىر ئىت زەنجىر بىلەن باغلانغان

ئۇيغۇرىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە سېلىنغان لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە يېقىنلا  يەرلەرگە جايلاشقان. قەشقەر شەھىرىدە، ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى چايخانىنىڭ بالكونىدىن ساياھەتچىلەرگە خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرغان بولسا، چۈشتىن كېيىنلا  كوچىلاردا قوللىرىغا كالتەك ۋە قالقان كۆتۈرگەن ئونغا يېقىن ساقچى پەيدا بولغان. ئۇيغۇرىستاننىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىنىڭ كوچىلىرىدا، كومپارتىيەگە سادىقلىق تەشۋىق قىلىنماقتا ۋە ئىتتىپاقلىق تەشەببۇس قىلىنماقتا. كوچىدىكى ئېلان تاختىلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان رەسىملەرنى، خوتەننىڭ ئەتراپىدىكى يېزا كەنتلەردىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىغا ئاشقۇنلۇقنىڭ يامانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان، ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئارىلاش ئائىلىلەرنىڭ خۇشاللىقى تەسۋىرلىگەن تام رەسىملەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.  

(Reuters)ساقچىلار قەشقەردىكى كونا شەھەردىكى ساياھەت ئورۇنلىرى ئارىسىدا قاراۋۇللۇق قىلىدۇ

(Reuters) قەشقەر تۈرمىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر سانائەت رايونىدا ئېگىزلىكتىكى پىلاكات ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن چۈشكەن رەسىمى.

ئۈرۈمچىدە بىر تۇرالغۇ بىنانىڭ تېمىغا ئېسىلغان پىلاكاتلاردا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى ۋە خىتايچە تۇرمۇشنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى دېگەن شوئار يېزىلغان. 

(Reuters) ھۆكۈمەت ئورناتقان چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ قورۇسىنى نازارەت قىلالايدۇ (ئۇرۇمچى)

سانجى شەھىرىدە بىر مەسچىتنىڭ تېمىغا ھەر مىللەت ۋەتەنگە بولغان ساداقىتىنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ يېزىلغان.
غەربنىڭ جازا يۈرگۈزۈشى سەۋەبلىك  يولغا قويۇلماقچى بۇلغان بۇ ساياھەت پىلانى خىتاي ساياھەتچىلەرنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىشغال ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاننى يېڭى كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇرىستانغا ئۆتكەن يىلدىكى 158 مىليون ساياھەتچىدىن كۆپىيىپ 200 مىليونغا يېتىدىغانلىقى، 2025 يىلىغا بارغاندا 400 مىليون ساياھەتچىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



(Reuters)
سانجىدىكى شىنكۇ مەسچىتىنىڭ بۇزۇلغان مۇنارى  ۋە خىتاي دۆلەت بايرىقى.غەرب زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ سولاش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش  ۋە كەڭ كۆلەمدە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاينى ئۇيغۇرىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق سادىر قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

بېيجىڭ غەربنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرىستاندا يولغا قۇيۇۋاتقان سىياسەتنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت قوزغايدىغان بۆلگۈنچىلەر ۋە دىننى رادىكال ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر نوپۇس ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان خوتەن شەھىرىدە يۇقىرىقى پىلان ئاساسىدا يېڭى بىر كونا شەھەر قۇرۇلۇۋاتىدۇ. 

قۇرۇلۇش داۋام قىلىۋاتقان كونا شەھەردە ھەر بىر قانچە مېتىردا بىر پىلاكاتلاردا چېقىشتىن بۇرۇنقى ئۆيلەر ۋە كۆچۈرۈشتىن كېيىنكى ساياھەتچىلىكنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ماس ھالدا سېلىنىدىغان ئۆيلەر كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
پىلاكاتلاردا يەنە: كونا قىياپەت يېڭىلاندى، كوممۇنىست پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ دېگەنگە ئوخشاش يازمىلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

مەنبە:

https://www.independent.co.uk/asia/china/china-xinjiang-tourism-police-propaganda-b1902260.html?utm_content=Echobox&utm_medium=Social&utm_source=Facebook&fbclid=IwAR0uKX9xOOPGyXNcX6K7u1VQIur-sIAR89uBJbHEXdzCLVNW6MIynpwq8Bo#Echobox=1629548762

 

Uyghur Reporter

Next Post

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى- قەيسىرىيە ۋە ئادانادا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

سە ئاۋغۇست 24 , 2021
شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى- قەيسىرىيە ۋە ئادانادا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

You May Like