ۋاشنگىتوندا ياۋرو-ئاسىيا ئىنستىتۇتىدا « ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ياۋرو-ئاسىيا ئىنستىتۇتى جورجى ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتى ساھىپخانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە مىللەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغان چوڭ تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، 2019-يىلى بۇ مەركەز قۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-10-12

 

ياۋرو-ئاسىيا ئىنستىتۇتى جورجى ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتى ساھىپخانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە مىللەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغان چوڭ تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، 2019-يىلى بۇ مەركەز قۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولىدۇ.

بەش كۇن داۋاملىشىدىغان بۇ يىللىق مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق  تەتقىقاتچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى يىغىلىپ ئىلمى ماقالە ئوقۇدى ۋە مۇھاكىمە ئىلىپ باردى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى مەزكۇر مۇھاكىمە يېغىنىدا مۇھىم مۇھاكىمە تېمىلىرىدن بىرى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ12-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن «ئۇيغۇر ۋە ختتاي »چوڭ بۆلىكىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى كەڭرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

مۇھاكىمە يېغىندا ئۇچ ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ماقالە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلار ۋاشنگىتوندىن  تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان، سوتسيولوگ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر مەتتۇرسۇن بەيدۇللا، كانادادىن دىلمۇرات مەھمۇت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان «ختتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۇيغۇر كەچۈرمىشى: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇھاكىمىسى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئوقۇغان بولۇپ، «قىرغىنچىلىق نەزەرىيەت تەتقىقاتى» ساھەسىدىكى «ئىرقى قىرغىنچىلىق » ئېنىقلىمىسى ھەققىدىكى مۇناسۋەتلىك سېلىشتۇرما تەتقىقات، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇھاكىمىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تەتقىقات مېتودى ۋە پاكىت توپلاش باسقۇچى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە ختتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئارقىسىدىكى ئىدېئولوگىيىلىك ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسى، ختتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئىلىپ بېرىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى دائىرسى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئىراقتىكى يەزىدى قىرغىنچىلىقى سانلىق مەلۇمات سېلىشتۇرما ئەھۋالى، قىرغىنچلىىقتا قوللانغان ئاساسلىق ئۇسۇللار : لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توپلانغان 370 دىن ئارتۇق شەخسنىڭ ئۆلۇم-يېتىم ئەھۋالى سەۋەبى، ئورگان كۆچۈرۈش ئوپىراتسيەسى سەۋەب بولغان ئۆلۇم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ جەزملەشتۈرۈلۈشى، ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنى چەكلەش تەدبىرى ھەققىدە بىرىلگەن ئ‍سپاتلار، ئىككىلەمچى قىرغىنچىلىق-مەدەنىيەت ۋە كىملىك يوقۇتۇش تەدبىرى: تىل ۋە مىللى كىملىك بەلگىلىرىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە مىللى ئىگىلىكنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، زور ساندا مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن پاكىتلار ۋە ئاساسلارنى سۇندى.

دوكتۇر مەتتۇرسۇن: «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ مىللى كىملىك كۈرەشلىرى ۋە مۇئەمماسى» دېگەن تېمىدا تۈركىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆچمەنلىك تارىخى، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، سىياسى ئەھۋالى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ختتاي بىلەن ئالاقىسى، تۈركىيە ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسى كىرزىسلار توغرىسىدا تەپسىلىي ئىلمى دوكلات بەردى.

دوكتۇر دىلمۇرات مەھمۇد: كانادادىكى يۇقىرى مەلۇماتلىق مۇسۇلمان ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ «كىملىكنى قايتا بەرپا قۇرۇش » تەجرىبىسى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئوقۇپ، كىملىك نەزەرىيسى، كۆچمەنلەر سياسىي ۋە مائارىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كانادا مۇھىتىغا ماسلىشىش ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى كىملىك مەسىلىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا ماقالە ئوقۇدى.

سۇئال-جاۋاپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى مۇھىم تېمىلارنى مەركەز قىلغان ھالدا ناھايىتى قىزغىن مۇھاكىمە بولۇپ ئۆتتى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ترامپ تولۇق غەلبە قىلدى: ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» تۈزۈلدى

يە ئۆكتەبىر 13 , 2019
كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خىتاي-ئامېرىكا يېڭى نۆۋەتلىك سودا سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى. بايا ئاخىرلاشقان ئامېرىكا-خىتاي 13-قېتىملىق سودا سۆھبىتىدىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ ئاق سارايدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې بىلەن كۆرۈشتى ۋە «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى»نىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ترامپ بىلەن ليۇ خې قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

You May Like