ۋاشنگىتوندا «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى»نامايىشى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ،ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پىروجېكتى،ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى،بىرما قۇتقۇزۇش گۇرۇپىسى ،كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتى قاتارلىقلار ھەمكارلىشپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ،1000غا يېقىن كىشى قاتناشتى.نامايىشقا ۋاشنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلەر،كانادا ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپ قاتناشتى.

ۋاشنگىتوندا «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى»نامايىشى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى.

2019-يىلى 6-ئاپرىل،ۋاشنگىتون

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون «ئەركىنلىك مەيدانى»دا 6-ئاپرىل بىر قەدەر زور كۆلەمدىكى نامايىش ئۆتكۇزۇلدى.

ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە قاتناشقۇچىلار

   Columbia Law School -Mass Internment of Uyghurs and other Muslim Populations in China New Phrases   abdurehim hiyit

بۇ نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ،ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پىروجېكتى،ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى،بىرما قۇتقۇزۇش گۇرۇپىسى ،كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتى قاتارلىقلار ھەمكارلىشپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ،1000غا يېقىن كىشى قاتناشتى.نامايىشقا ۋاشنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلەر،كانادا ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپ قاتناشتى.

بۇ مارش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيۇ، كىرىستوفېر سىمىس، جېيمىس مەكگوۋېرىن، توم سۇززى، جېننېفېر ۋېكستون، ئاندىي بار قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ باياناتلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ باياناتلار ئوقۇپ ئۆتۈلگەندە پائالىيەت ئۈچۈن توپلانغان كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

ئەركىنلىك مەيدانىدىكى بۇ يىغىلىشقا شاڭخەي مۇستەقىللىقى تەشكىلاتى، پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ياڭ جيەنلى مۇھىم سۆز قىلدى.

ئورۇن ۋە سەھنە

4-ئاپرىل كۈنى ۋاشنگىتون شەھىرىدە «چىچەك بايرىمى »ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولۇپ،شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئەركىنلىك سارىيى ئاق ساراي ۋە دۆلەت مەجلىسنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان ئىدى.

يىغىلىش مەيدانىغا چۆرىدەپ تىزىلغان فوتو سۈرەتلەر ختتاينىڭ سىياسىي باستۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى رېئال كارتىنىسىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇناتتى. مۇنبەرگە ئېسىلغان «مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر غايىب بولدى: غايىب ئاتا-ئانىلار، قېرىنداشلار، ئاچا-سىڭىللار ۋە دوستلىرىمىز قەيەردە؟» دېگەن زور پىلاكات ئالاھىدە سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسدا كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

يېغىن سۆزلىگۇچىلەر

يېغىلىش ئامېرىكا دۆلەت شېئ‍رى ۋە شەرقى تۈركستان دۆلەت مارشى بىلەن تەڭ باشلاندى.ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئوغۇزخان ئەسەت  چۇچۇك ۋە جانلىق ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا دۆلەت شئېرى ناخشسنى ئوقۇدى.

يېغىلىش تەخمىنەن بەش سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ،ئۆمەر قانات، دولقۇن ئ‍يسا، رابىيە قادىر، ئىلشات ھەسەن ،نۇرى تۇركەل، روشەن ئابباس، تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، ئىرادە قەشقەرى،ئالىيە جەۋدەت،فۇرقەت جەۋدەت،قۇززات ئالتاي ،خاننا بۇزەيرى،بىرما قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى رەئىسى ئىمام مالىك مۇجاھىد، قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

ئ‍ۆمەر قانات سۆز ئېلىپ يىغىلىشقا كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاممىغا ھەقىقەت سېپىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتتى.ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئ‍نسانى  پاجىئەنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ «ئېتنىك تازىلاش»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئاتاۋاتقانلىقىنى، «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ قارالغان ئىرقىي تازىلاش قىلمىشىنىڭ 21-ئەسىردە يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جنايتىنى توسۇش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

كۈنتەرتىپ بويىچە ،د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى.ئۇ سۆزىدە ،بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىسى،ئۇرۇق-تۇققانلىرى سولانغانلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ۋە تۇققانلىرىمىز دىدى.ئۇ ئەركىن دۇنيانى زۇلۇمغا سۇكۇت قىلماسلىققا،ئۇيغۇرلارنى ھەمكارلىششقا چاقىردى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ،ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئاخبارات ساھەسىگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.ختتاينىڭ دۇنيا ئۇچۇن ئىلىپ كىلىدىغان خيىم-خەتىرىنى تىلغا ئالدى. شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرىنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ھۆرلۈككە چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر ئاۋانگارتى بولۇشقا چاقىردى.

  

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ختتاينىڭ 21-ئەسردىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا ھامان مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ،ھەر قانداق جىنايەتنىڭ جاۋاپسز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

نۇرى تۇركەل مۇخبىرلار ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى  ۋەزىيتى ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا تەپسلى دوكلات بەردى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقتىن مەھرۇم ھالدا ،خاتىرجەملىكتىن ئايرىلغان بىر ساقچى دۆلىتى ئىچىدىكى ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

سۆزگە چىققان مۇسۇلمان جامائەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۇچلۇك بولۇشنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى،ئاللاھنىڭ ختايدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى ۋە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن نىمە ئ‍ش قىلىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.

 

كىين سۆزگە چىققان روشەن ئابباس،مىھرىگۇل تۇرسۇن،فۇرقەت جەۋدەت،قۇززات ئالتاي ،ئالىيە،ئىرادە قاتارلىق ياشلار ئ‍ۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ بىۋاستە كەچۇرمىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ،ختتاينىڭ جنايى قىلمىشنى پاش قىلدى ۋە ئەيىپلىدى.

كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتى رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىشپ ئېتتپاقلىشپ ،ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن كانادا ئۇيغۇرلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن نەچچە ئاپتوبۇستا يۈز نەچچە ئۇيغۇرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ۋەتەندىكى باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى بۇ يولغا ماڭدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

 

 

 

سۇرەت مەنبەسى: قۇززات ئالتاينىڭ يۇز بېتىدىن ئېلىندى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تەرجىمە:ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى: ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئالدىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقچىمۇ؟

سە ئاپرېل 9 , 2019
خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى بىر قانچە ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەت ياشايدىغان شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ۋە ناتسىستلارنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە سىلىشتۇرۇلماقتا. بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق خەلقى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن مەجبۇرى ھالدا « قايتا تەربىيەلەش» لاگىرلىرىغا سولانماقتا.

You May Like