ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق

ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق

 ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
 
قىلىچنىڭ كۈچىدىن، قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق – ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆزنىڭ ھەقىقىي كىملىكى  ئېنىق بولمىغان يېخەن نامىدىكى بىر شەخس  ئامېرىكىدا چىقىدىغان  داڭلىق ‹‹ تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى›› دا ‹‹ مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياردەم بەرمەسلىكى مۇمكىن ›› سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلىش بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار يېخەننىڭ بۇ يازمىسىغا قارىتا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە ماقاللارنى  ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دوكتور مەمتىمىن ئەلا بىلەن سالى خۇدايارنىڭ بىرلىكتە ئىلمى شەكىلدە رەددىيە بېرىپ يازغان ‹‹ مۇستەقىللىق شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ماڭىدىغان بىردىنبىر يولىدۇر›› ناملىق ئوبزور ماقالىسىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن يەنى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى‹‹ تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى ›› دا ئېلان قىلىنىشى يېخەن نامىدىكى يازغۇچى يازغان ماقالىنىڭ ئىدىيەسىگە ئۆز ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق بولۇپ مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈردى. مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ئۈزۈمنىڭ فەيسبوك، تىۋېتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقەمدە ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق  ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئوقۇپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. شۇنداقلا مىنىڭ  پائالىيتىمگە دىققەت قىلىۋاتقان بەزى گوللاندىيەلىك قوللىغۇچىللىرىمغىمۇ ئەۋەتىپ بەردىم. گەپنى يالغۇز كىشىلىك نامايىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىم ئارقىلىق بۇ ماقالىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرمەكچىمەن.

2018-يىلى 6- ئايدىن باشلاپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا باشلىغان يالغۇز كىشىلىك نامايىش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى تەشۋىقاتىمدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان  قىرغىنچىلىقىدىن بەكرەك 1899-يىلى نەشر قىلىنغان خەرىتىدىكى شەرقى تۈركىستان دېگەن ئىسىم ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مەن شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر دەپ چۈشەندۈرگەندە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلالماسلىقى ھەتتا شەرقى تۈركىستان دېگەن ئىسىمنىمۇ دېيەلمەي تۈركىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان دېگەندەك مەنىداش ئىسىملار بىلەن ئاتىغاندا مىنىڭ روھى دۇنيارىمدا بىر خىل سىقىلىش، بىزار بولۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۈزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئۇلارغا ئىككى پارچە سېلىشتۇرما شەكىلدىكى خەرىتە ( بۇ خەرىتىنىڭ بىرىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى مۇستەملىكە نامىدىكى شىنجاڭ، يەنە بىرىدە شەرقى تۈركىستان ) ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننىڭمۇ تىبەتكە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز بېسىۋېلىنغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەم ھە ئەمدى چۈشەندىم. تىبەتنىڭ ئەھۋالىنى مەن بەك ياخشى بىلىمەن، ئەمما تىبەتنىڭ قوشنىسى بولغان شەرقى تۈركىستاننى ۋە بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىكەنمەن ، بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم دېگەنلەر كۆپرەك ئىدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈنكىدەك پۈتۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلىمىگەن ئىدى. ئامىستېردامدىكى نامايىش جەريانىدا تىبەت دېسە بىلمەيدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچراتمىدىم، ئەمما ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دېسە بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيدىغان، ئاڭلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئىنسانلارنى كۆردۈم.  شۇ مەزگىللەردە ‹‹ تىبەت›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ تەشۋىقاتىمغا لاھىيلىگەن خەرىتىگە ‹‹تىبەت››، ‹‹ شەرقى تۈركىستان›› دېگەن ئىسىمنى يوغان قىلىپ يېزىپ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدىم. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زىمىننىڭمۇ تىبەتكە ئوخشاش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتىلا ئاسانلا قولغا كەلتۈرەتتىم. 

ئەسلى سۆزۈمگە قايتسام، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيا مېدىياسىنىڭ ئاساسى تېمىسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن  ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دېسە ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارمۇ كۆپەيدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە بولغان قارشى ھەرخىل ئىدى. ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى بەزى كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغانسېرى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئارقىغا چېكىندى، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىسا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارشى چىققانلىق شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاقلاشتىكى  بىر ۋاسىتە دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. مەن بۇ كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەملىشىپ شەرقى تۈركىستاندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قالدۇق كۈچىنى تازىلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەملىشىپ بېرىپ 5 يىل ئىچىدە چىقىپ كىتىمىز دېگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقى تۈركىستانغا ئەسكەرلەرنى كىرگۈزگەنلىكىنى، بۇ چاغدا 40 مىڭ كىشىلىك شەرقى تۈركىستان مۇنتىزىم ئارمىيەمىز بولغانلىقىنى (ھەتتا مىنىڭ جەمەتىمدىن  شەرقى تۈركىستان ئارمىيەسىدە گېنېرال بولغان مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوفنىڭ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم ) بۇ ئارمىيەنى تۈرلۈك يوللار بىلەن يوقىتىپ ئاخىردا ئاپتونومىيە بىرىمىز دەپ ئاپتونومىيە نامى ئىپادىلەنگەن مۇستەملىكە مەنىسىدىكى‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دېگەن ئىسىمنى مەجبۇرىي تاڭغانلىقى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قەغەز يۈزدىكى ئاپتونومىيە بولۇپ ھېچقانداق ئەمەلىي كۈچى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ قەدەممۇقەدەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ يەر يۈزىدىن يوقىلىش گىردابىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ مەيلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بولسۇن ياكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بولسۇن ھېچبىر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسەممۇ ئۇلارنى تازا دېگۈدەك قايىل قىلالمىغان ئىدىم. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ گىئوپولىتىك ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن بولغان، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ بۇ قىرغىنچىلىق، بۇ ئاسسىمىلياتسىيە مەڭگۈ تۈگمەيدۇ، چۈنكى مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ ئاخىرقى نىشانى مۇستەملىكە بولغۇچىنى مەڭگۈ ئۆزىگە قارشى باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش ھەتتا يىلتىزدىن يوق قىلىۋېتىش دېگەنلەرمۇ بار ئىدى. مېنىڭ قوللىغۇچىللرىم ئىچىدە ھەر ئىككى ئېقىمدىن كىشىلەر بولغاچقا ھەتتا بەزىلىرى سەن مۇستەقىللىق دەپ بەك كۈچلۈك تەشۋىق قىلساڭ ھەم بۇ نىيىتىڭدىن يانمىساڭ مەن سېنىڭ پائالىيتىڭنى قوللىمايمەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. بۇنداقلار بىلەن مەن خېلى كۆپ مۇنازىرىلەشتىم، بەزەنلىرىنى قايىل قىلسام بەزەنلىرىنى قەتئىي قايىل قىلالمىغان ئىدىم. دوكتور مەمتىمىن ئەلا بىلەن سالى خۇدايارنىڭ ‹‹ مۇستەقىللىق شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلدىغان بىردىنبىر يولىدۇر›› ناملىق ئوبزور شەكىلدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن مېنى قوللاشتا ئىككىلىنىپ قالغان تور دۇنياسىدىكى تەقىپچىلىرىمغا ۋە گوللاندىيەلىك قوللىغۇچىللىرىمغا ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلدىم. ئۇلار ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ ماقالنىڭ ناھايىتى ياخشى دەلىل-ئىسپاتلىق ئىلمى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ يېزىلغانلىقىنى، ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىرنىڭ ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ۋە مۇستەقىللىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن -بىر مېڭىشقا تېگىشلىك يول ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى. مەن بۇ قايىل بولغان قوللىغۇچىمغا بەلكى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەس، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. ساڭا تەسىر قىلغان بۇ ماقالىنى مەن ئىمكانىيتىمنىڭ يىتىشىچە گوللاندىچىگە تەرجىمە قىلاي، سەن تۈزىتىپ بەر. ئاندىن بۇ ماقالىنى گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلايلى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشەنسۇن دېسەم، ھە بولىدۇ، مەن سېنىڭ بۇ پىكىرىڭنى قوللايمەن دېدى. پات ئارىدا بۇ ماقالە گوللاندىچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ. بولسا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ماقالىنى ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

‎‏بىزدىكى قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋېلىشنىڭ بىر قىسىم ئىپادىلىرى

جۈ ئاپرېل 22 , 2022
‎‏بىزدىكى قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋېلىشنىڭ بىر قىسىم ئىپادىلىرى

You May Like