ۋاڭيىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئەسناسدا ئۇيغۇرلار قانۇن چىقارغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-ئۆكتەبىر

ختاي تاشقى ئىشلار منسترى ۋاڭيى ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتى ئەسناسدا، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى -ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ختاي كومپارتىيسى بىلەن رىقابەتلىشىش كومېتىتى رەئىسى گاللاگىر ۋە دۆلەت مەجلىسى ختاي ئىشلىرى مەمۇرى كومېتىتى باشلىقى سمىس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ختاينىڭ مەزكۇر زىيارىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار مىنسترلىكى ئوتتۇرا شەرق جىددى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغاندا، ختاي بىلەن تاساددىپى توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشقا كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيە ئالاقسنى ساقلاشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بىلىنكىن بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: بىز ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتتە، ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت بېخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىمىزنى ، كىشلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز، شۇنداقلا ختاي بىلەن ھەمكارلىق قاناللىرىنى ئوچۇق قويىمىز.

ئامېرىكا ختاي مۇناسىۋىتى بارغانسىرى يېرىكلىشۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ختاي بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىددى دىپلوماتىك ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىدىغان كۈچلەر كۆپەيمەكتە.

ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ھىچقانداق ئەمەلدارى ياكى ھۆكۈمەت ئورگىنى ختاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش قىزغىنلىقى ياكى ئۇرۇشنىڭ پايدىسى ھەققىدە سۆز قىلمىدى، ئەمما ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ختاي بىلەن توقۇنۇشتىن يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىق مەسلىسى-ختاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسۋىتىدىكى تەيۋەن بىخەتەرلىكى، ختاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى جاسوسلۇق ھەرىكەتلىرى، ختاينىڭ ئامېرىكا چېگىرسدىن زەھەر كىرگۈزۈپ، 100 مىڭلىغان ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈرۈشى، ختاي بىلەن بولغان سودا مۇناسۋىتى، خوڭكوڭ ۋە تبەت مەسلىسى..قاتارلىق نۇرغۇن مەسللەر ئىچىدىكى بىر مەسلە ھسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى شى جىنپىڭغا ئۇچۇق خەت يېزىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى خىتايدىن ياردەم سورىدى 

جۈ ئۆكتەبىر 27 , 2023
مەھمۇتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27- ئ‍ۆكتەبىر  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئۆلىمالار تەشكىلاتىدىن بىرى بولغان «دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى» ئورگان تور بېكىتى، سوسيال مېدياسى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭدىن  ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائ‍ىلىيەگە قارشى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.  مەزكۇر خەت ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلانغان بولۇپ، […]
ئ‍سلام ئۆلىمالار تەشكىلاتى

You May Like