ئۇيغۇريان:جاپاغا ئۆلمەيمىز 

ئۇيغۇريان:جاپاغا ئۆلمەيمىز 

جاپاغا ئۆلمەيمىز تائىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ۋەتەندە دائىم ئىلغار ياشلار ۋەكىللىرى ۋە كارخانىچىلار بىلەن بىللە جەمىيەتنىڭ ھەر ساھەسدىكى چوڭلار ۋە پشقەدەملەرنى يوقلايتتۇق،بىر قېتىم بىر <<كونا >> تىجارەتچى بوۋاي بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇق،ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى،ئارىدا مۇنداق ئاددى ھەم قەتئى بىر سۆزنى قىلغانىدى،بۇ سۆزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن:<<بىزنىڭ دەۋرىمىزدە كۆپ پۇل تېپىش ياكى باي بولۇش ئۇچۇن ئەمەس،ئاش-نان ئۇچۇن ئ‍شلەيتتۇق،ئ‍شلىگەندىمۇ خۇددى بىر كۇن ئ‍شلىمىسەك ئۆلىدىغاندەك جاپالىق ئ‍شلەيتتۇق ،مانا ھازىر بۇگۇنگە ئۇلاشتۇق،كۈچلۈك ئىگىلىك ياراتتۇق،نەچچە يۇز ئادەم نان يەۋاتىدۇ،لىكىن مەن قېرىپ ھازىرغىچە بىر كۇنمۇ خىزمەتتىن ،ئەمگەكتىن قالمىدىم ،ھازىرغىچە كاللام يەنە شۇ ئ‍شنىڭ كويىدا ،سلەرگە دىسەم ،قىلىدىغان ئ‍شنىڭ تۇرى ناھايتى بەك كۆپ،قىلىمەن دىسەك باغۇ ،نەدە بولساق ،مۇشۇ جانلا بولىدىكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئ‍ش دىگەن چېقىپ تۇرىدۇ،ئۆزىمىزگە يارىشا ئ‍شتىن بىرىگە كىرىشتۇقمۇ قويۇپ بەرمەي،ئايىغىنى چىقىرىدىغان بولساق،ئ‍ش دىگەننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتەلەيمىز، ئادەم جاپاغا ئۆلمەيدۇ،ئ‍شلىگەنگە ئۆلمەيدۇ،ئەمما ئشلىمىسە ،ئاچ قىلىپ ئۆلىدۇ،خورلىنىپ ئ‍ۆلىدۇ،ياش ۋاقتىمىزدا ئون ھەسسە ئ‍شلەيمىز،بارا-بارا چانىمىز ،ئاجىزلايمىز،شۇڭا ھازىرقى ۋاقتىڭلاردا پۇتۇن كۇچۇڭلار بىلەن ئ‍شلەڭلار،ئاتا-ئاناڭلار سلەرنى كۇچلۇك بولسا ئۆزىنىڭ ئائىلىسنىڭ ھۆددىسدىن چىقسا،بولسا ئەل-جامائەتكە ئەسقاتسا دەپ ئۇمىد قىلىدۇ،خوتۇنۇڭلارمۇ سلەرنىڭ باشقىلاردىن ئاجىز بولۇشۇڭلارنى كۆرۇشنى خالىمايدۇ،بالىلىرىڭلار باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئ‍شەنچ بىلەن تۇرىدۇ.بىز كۇچلۇك بولماي ئائىلىمىزگە ئىگە چىقالمايمىز،ھىچكىمگە ياردەم قىلالمايمىز،قىلغان ئ‍شڭلاردا يىرىمىدا ۋاز كەچمەڭلار،ئاخىرىغا چىقىرىڭلار، ئ‍شلىگەنگە ئۆلمەيمىز،جاپاغا ئۆلمەيمىز>>. مەن بىزدىكى تىرىشچان ۋە جاپاكەش ،ياراملىق ياشلارنىڭ يۇز مىڭلارچە ئىكەنلىكىگە ۋەتەندە شاھىت بولغانىدىم.ھەممە ساھەدە ساناقسز ئىقتىدارلىق ياشلار بارلىققا كەلگەنىدى،ئەمما يەنە ۋايسغۇچىلار ،يۆلەنگۇچىلەر،تەمەخورلار،كۇن ئۆتكۇزگۇچىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئ‍ىدى. كىين ئ‍ىرۇسالىم (قۇددۇس>>تا نۇرغۇن يەھۇدى ياشلىرى بىلەن ئىلمى تېمىلار ۋە ئېقتسادى تۇرلەر ھەققىىدە ھەمسۆھبەت بولدۇم،يەھۇدىيلارنىڭ كىشلىك خاراكتىرى ۋە نورمال تۇرمۇش ئادىتىگە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ،تىرىشپ ئ‍شلەش ۋە ئەستايىدىل خىزمەت قىلىش روھى كىچىك ۋاقتىدىلا سڭىپ كەتكەنكەنلىكى ھەر بىر ئ‍شىدا كۆرۇنۇپلا تۇراتتى ،ئۇلارنىڭ بۇرۇنلا پېشپ يېتىلگەن مۇستەقىل ياشاش ئادىتى ۋە مۇستەقىل قارار چىقىرىش خاراكتىرى ئۇلارنى نامراتلىق ۋە ئاجىزلىقتىن يىراق قىلغانىدى.ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا ئۇچ مىڭ يىل سەرسان-سەرگەردان بولغان ، ئۇزۇن مۇددەت خورلانغان،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشدا ئالتە مىليونى قىرغىن قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ ھاياتنىڭ ھەر بىر مىنۇتنى بايلىق،ھەر بىر كىشنى خىرىدار،ھەر بىر ساھەنى مۇۋەپپەقىيەت سەھنىسى دەپ بىلىدىغان بىر خەلقىنىڭ يەكۇنى ۋە سىڭدۇرگەن روھى ئىدى،جاپاغا ئۆلمەيمىز!ئ‍شلىگەنگە ئۆلمەيمىز! ئ‍شلەيلى،ئۆگىنەيلى! 2018-19-فىۋرال.ۋاشنگىتون

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

مەشھۇرلارنىڭ كىشىگە ئىلھام بولدىغان 10 جۈملە سۆزى

دۈ ئاپرېل 23 , 2018
مەشھۇرلارنىڭ كىشىگە ئىلھام بولدىغان 10 جۈملە سۆزى

You May Like