ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى نامايىشى، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقى

22- دېكابىر تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان نەچچە ئون ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى ئالدىغا توپلىشپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان. ئېلان قىلىنغان ۋىدېئولاردىن قارىغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى كونسۇل جايلاشقان كوچا ئوتتۇرىسىغا توساق توسۇپ، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ياشلار قوللىرىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان.

ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاينىڭ ئ‍ستانبۇل كونسۇلى ئالدىدا نامايىش قىلدى، ساقچىلار ئۆتكۈزمىدى.

 

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 2020- يىلى 22- دېكابىر

 

        22- دېكابىر تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان نەچچە ئون ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى ئالدىغا توپلىشپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان. ئېلان قىلىنغان ۋىدېئولاردىن قارىغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى كونسۇل جايلاشقان كوچا ئوتتۇرىسىغا توساق توسۇپ، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ياشلار قوللىرىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان.

 

        ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا، ئىستانبۇلدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى ناھايتى كەسكىن ۋە جىددىي تەلەپپۇزدا: «نېمىشقا بىزنى ئۆتكۈزمەيسلەر؟ بۇ يەر تۈركىيە زېمىنى ئەمەسمۇ؟ بىز تۈركىيەدە باج تۆلەيدىغان پۇقرالارمىز…» دەپ ساقچىلارنىڭ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

 

        تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى مىرزەخمەت ئەپەندى ياشلارنىڭ پەقەت قانۇنىي ۋە تىنچلىق شەكىلدە ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالماقچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر يوللۇق ئىش-ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

        ئۇ سۆزىدە بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى ۋە ئۈچ تۇغ گۇرۇپپىسنى تىلغا ئېلىپ رەھمەت ئېيتقان. ياشلار ئىلگىرى نامايىشقا كەلگەندە، خىتاينىڭ ئۇلارغا قالدۇرغان تەلەپ خېتىنى ئوقۇغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياشلاردىن «دۆلىتىمنى بۆلمەيمەن، شەرقىي تۈركستان بايرىقىنى كۆتۈرمەيمەن، بۆلگۈچى شەخسلەرگە ئارىلاشمايمەن، دەپ سوتسىيال مېدىيا ھساباتىڭلاردا تارقىتىسلەر ۋە ئۇنى بىزنىڭ ئەلچىخانا ھساباتىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار، كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن.» دېگەن خەتنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

 

        ئۇ سۆزىدە، نامايىشقا كەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھېكايسنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرغان. تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتۇپ تۇرۇلغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ساختىپەزلىك ۋە يالغانچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بىر ئائىلىدىن 14 كىشنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، 92 ياشلىق بوۋاينىڭ تۇتۇلغانلىقىدەك ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايسى يۈرەكلەرنى ئەزگەن .

 

        بۇ ياشلار بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا تىنچ شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىر قېتىملىق تاكسم مەيدانى نامايىشدا، ئۇلارنىڭ مايكىلىرى تەتۈر كېيگۈزۈلۈپ، مەيداندىن قايتۇرۋىتىلگەن ۋە بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پارىژدىكى تۈركىيە كونسۇلى ئالدىدىكى قارشىلىق نامايىشى

پە دېكابىر 31 , 2020
30دىكابىر كۈنى فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپ كىشىلەر تۈركىيەنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق نامائىشى قىلدى. خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك نامائىش ئادەم سانىغا چەك قويۇلغانلىقىدىن نامايىشقا يىگىرمە ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

You May Like