ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئۆمەر دۆنگەلئوغلى ۋاپات بولدى

ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى بۈگۈن بىر ھەقىقىي كۆڭۈلدىشى ۋە دوستىدىن ئايرىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي قىرغىنچىلىقىنى ۋەز-نەسىھەتلىرىدە دائىم تىلغا ئالىدىغان، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا قىلىدىغان ئۇستاز ئۆمەر دۆنگەلئوغلى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020.يىلى 4.ماي

 

ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى بۈگۈن بىر ھەقىقىي كۆڭۈلدىشى ۋە دوستىدىن ئايرىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي قىرغىنچىلىقىنى ۋەز-نەسىھەتلىرىدە دائىم تىلغا ئالىدىغان، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا قىلىدىغان ئۇستاز ئۆمەر دۆنگەلئوغلى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئالەمدىن ئۆتتى. 

 

ھەممە سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئىگە بولۇپ ، بىر دىننىي زاتقا لايىق سالاپەت ۋە ئاڭ بىلەن زالىم خىتاينى يۇقىرى ئاۋازدا شىددەت بىلەن ئەيىپلىگەن ئۇستاز ئۆمەر دۆنگەلئوغلى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلب تەختىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. 

 

 

مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھىمايىچىسى  ۋە دۇئاچىسى بولغان ، پۈتكۈل تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا ، سۆھبەتلىرىدە ۋە دۇئالىرىدا زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلا ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن قەدىرلىك ئۇستازىمىز ئۆمەر دۆنگەلئوغلى يېقىندا خىتاي ۋىرۇسىغا دۇچار بولغانىدى ۋە باشاقشەھەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان پەيتتە 3.ماي يەكشەنبە كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. 

 

قەدىرلىك ئۇستازىمىزنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى  شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر زېدىلىدى. ئۇستازنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان جامائىتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. قەدىرلىك ئۇستازىمىز ھەر ۋاقىت دۇئالىرىمىزدا بولىدۇ ۋە قەلبىمىزدە ياشايدۇ. مەرھۇمغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت ، ھازىدار ئائىلىسى  ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا سەبىر تىلەيمىز. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن .

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىگە ئۇيغۇرلار ھەمكارلىق روھى بىلەن قارشى تۇرماقتا(2)

سە ماي 5 , 2020
خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىگە ئۇيغۇرلار ھەمكارلىق روھى بىلەن قارشى تۇرماقتا(2) ھەبىبۇللا ئىزچى:

You May Like