ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى،دۇتتار شاھى ئابدۇرەھىم ھىيت ختتاي تۈرمىسدە شەھىت بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئابدۇرەھىم ھىيتنىڭ تۈركىيەلىك كەسپداش دوستى،سەنئەتچى بۇنيامىن ئاكسۇنگۇر تۈركىيە مىديالىرىغا گۇۋاھلىق بىرىپ،داڭلىق سەنئەتكارىمىزنىڭ شەھىت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى،دۇتتار شاھى ئابدۇرەھىم ھىيت ختتاي تۈرمىسدە قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2019-يىلى 8-فىۋرال،ۋاشنگىتون،تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان.

ئابدۇرەھىم ھىيتنىڭ تۈركىيەلىك كەسپداش دوستى،سەنئەتچى بۇنيامىن  ئاكسۇنگۇر تۈركىيە مىديالىرىغا گۇۋاھلىق بىرىپ،داڭلىق سەنئەتكارىمىزنىڭ شەھىت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.ئۇنىڭ دېىيشىچە،خەۋەر ئشەنچلىك بولۇپ،ئابدۇرھىم ھىيت ئەپەندى 2017-يىلى تۇتۇپ كىتىلىپ ،جەمئى 23 ئايدىن كىين ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.يەنە بەزىلەر بۇ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۇ خەۋەرنى  تېخى مۇستەقىل تەرەپلەر ئارقىلىق كەسكىن جەزىملەشتۇرمىگەن بولسمۇ،تۇركىيەنىڭ قارار،يېڭى شەفەق،ھۇررىيەت،ئانادولۇ ،ت ر ت قاتارلىق تاراتقۇلاردا كۇچلۇك تەسر قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۇ خەۋەرنى تېخى مۇستەقىل ھالدا جەزىملەشتۈرەلمىدى.

ئۇ تۇرمىگە كىرگەندىن كىين ئوغلى بىلەن بىر قېتم ئۇچراشتۇرۇلغان ،ئوغلىمۇ بىر يىلدىن بىرى جازا لاگىرىدا ئىكەن.

ھازىر تۇركىيەدە ئابدۇرھىم ھىيتنىڭ غايىۋى جىنازە نامىزى قىلىنىشقا تەييارلىق قىلىنماقتا .

ئابدۇرەھم ھىيت -قەشقەر شەھىرىدىن بولۇپ،كىچىكىدىن باشلاپ مىللى مۇزىكا ۋە مەدەنىيەتكە ئشتياق باغلىغان،بيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر مۇزىكا ئۆمىكىدە ئون نەچچە يىل ئشلىگەن.قايتىپ كەلگەندىن كىين ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللى ئوپىرا ئۆمەكتە مەخسۇس مۇزىكانىت بولۇپ ئ‍شلىگەن،دۇتتارىم قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشا پىلاستىنكىسى چىقارغان.2011-يىلى تۇنجى يالغۇز كىشلىك دۇتتار مۇزىكا كىچىلىكى ئۆتكۇزگەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان،ئۇنىڭ ئشلىگەن مۇزىكىلىرى كۇچلۇك مىللى مەدەنىيەت،تارىخ،سرلىقلىق تۇيغۇغا ئىگە.ئابدۇرىھىم ھىيت ئەپەندى ھەج قىلغان،ئۇ سۇفى بولۇپ،كىشلەرگە ياخشلىق قىلىش،مىھىرى-مۇھەببەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،ئۇ ئىلگىرى نيۇريوك ۋاقىت گېزىتى،ئىتالىيە جاكارنامە گېزىتى قاتارلىق خەلقئارالىق مىديالارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ،ئوتتۇرا ئاسيا مۇزىكا ئەڭگۇشتەرى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

ئۇنىڭ :ئارمان،ئۇچراشقاندا،بىلىم ئشقىدا،ھايات،ئانا تىل،قەشقەر،مەھمۇد كاشغەرى قاتارلىق دۇنياۋى سەۋىيلىك مۇزىكا ئەسەرلىرى بار بولۇپ،200 دىن ئارتۇق ناخشغا مۇزىكا ئشلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

قۇماندانسىز پارتىزانلار: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئانارخىزم ۋە ئۇنىڭ تەسىرى

جۈ فېۋرال 8 , 2019
ئانارخىزم ئىنگلىزچە « Anarchy» دېگەن سۆزدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، موقۇمسىزلىق، مەركەزسىزلىك ۋە قالايمىقانچىلىق دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە

You May Like