ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍اكتىپلىقى تۆۋەنلىدى، كىمدىن ئاغرىىنىمىز؟

ئاپتورى: ئۇيغۇر ئۇيغۇرىيە

مەنبەسى: سوسيال مېدىيا

(ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ياكى ئاپتورى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق)

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز بىر بىرىنى دىندار ، دىنى سۇز، مىنكاۋخەن، مىنكاۋمىن، شىماللىق ، جەنۇبلۇق ، كونسىرۋاتىۋ ياكى بەك كەيفاڭ( ئەركىن) دەپ بۆلۈپ ، يۇرتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ بىر بىرىنى ئارىغا ئالماي، بەزىلەرنى چەتكە قېقىپ يۈردۇق، ئەمدى يانا شۇ بەزىلەر ۋەتەنگە بېرىپ كەپتۇ ، دەۋايىمىزنى يالغانچى قىلدى دەپ سۆزلەيمىز! ئەمما شۇ ئەيىپلەشلەردىن ، ئاغرىنىشلاردىن باشقا ئىش قىلالمايمىز! بىز نېمىشقا بۆلۈنۈپ كەتتۇق؟ دەۋانى باشلىغاندىلا ھەممە ئاۋازلاغا قۇلاق سالمىدۇق! دەۋا قىلدۇق دەپ گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتتۇق! دەۋايىمىز گۇماننى قوزغاپ ئىشچى ،دېھقان، سودىگەر ، بىكاچى،ئوقۇغۇچى، ھەممە ئۇيغۇرنى ئويغىتالمىدۇق! دەۋا قۇرۇق شۇئاردىن باش كۆتىرەلمىدى! كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ قۇرۇق دەۋا ۋە ئۇ تەشكىلاتلاردىن ئۈمۈدى ئۈزۈلدى! مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ۋەتەننى ياكى خەلقىمىزنىڭ ئازاد بولۇشىغا ئىشەنچى قالمىدى! ئەمدى بېرىۋاتقانلارنى توسۇپ قالالامدۇق! ؟ بىر ئىشقا چارە قىلالماي تۇرۇپ ئاغرىنالمايمىز!

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە سايلام ئارقىلىق يېڭى رەھبەرلىك كوللىكتىۋى بارلىققا كەلدى

دۈ يانۋار 8 , 2024
مەنبەسى: ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى سوسيال مېدىيا ھساۋاتى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2009 ـ يىلى گوللاندىيەدە رەسمى ئەنگە ئېلىنىپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھەر ئۈچ يىلدا بىر سايلام ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، 2024-يىلى 1- ئاينىڭ 1 – كۈنى 6- قېتىملىق سايلام ئېلىپ باردى. سايلام ئىچكى سايلام بولۇپ، سايلامغا ئىدارە ۋە ئىستىشارە […]
ياۋروپا شەرقى تۈركستان مائارىپ جەمئىيتى

You May Like