ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشقا قارشى زور بىرلىك!

190 دىن ئارتۇق تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار سودا ۋە كارخانىلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى. مەزكۇر بىرلىكنىڭ تور بەت ئادرېسىغا :« ئۇيغۇر ئىشچى قۇللۇقىغا خاتىمە!» دەپ يېزىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تارىم

 

2020-7-23

 

190 دىن ئارتۇق تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار سودا ۋە كارخانىلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى. مەزكۇر بىرلىكنىڭ تور بەت ئادرېسىغا :« ئۇيغۇر ئىشچى قۇللۇقىغا خاتىمە!» دەپ يېزىلغان.

 

بۇ يۈزلىگەن تەشكىلاتلار قاتارىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، ئادالەتپەرۋەر ئورگانلار، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرى، خوڭكوڭ، تەيۋەن تەشكىلاتلىرى ئاۋاز قوشقان.

 

ئىگەللىنىشچە، خىتايدىكى %84 پاختا شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىكەن، دۇنيادىكى %20 پاختا شەرقىي تۈركىستاندىن ئېكىسپورت قىلىنىدىكەن.

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، 100 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىشنى ھەمدە دۇنيادىكى ئاتاقلىق ماركا ۋە شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىشنى توختىتىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر ھەرىكەت باشلىۋەتتى.

 

بۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ھۆججەتلىك خەۋەرلەر چىققاندىن كىيىن ئېلىنغان ناھايىتى ياخشى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدەمگە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئىستىلاسىغا قارشى بارلىق خەلقلەرنىڭ بىرلىكتە ئاۋاز قوشۇشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

 

مەنبە: https://enduyghurforcedlabour.org/

 

https://enduyghurforcedlabour.org/

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

فىرانسىيەدە ئۇيغۇر تىراگىدىيەسى قىززىق نۇقتىغا ئايلانماقتا

شە ئىيۇل 25 , 2020
يىقىندىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ خىتايغا بولغان مۇئامىلىىسدە ۋە ئۇيغۇرغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. فىرانسىيەدىكى سولچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتلىرىدىن«ئازاتلىق» گىزىتى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ» دىگەن تېمىدا باش بەت ماقالىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئالاھىدە تەسىرى بولغان

You May Like