ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دوكلاتى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

ئامېرىكا ئاۋازى ۋاشىنگتون خەۋىرى: كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە، خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باراۋەر، دەپ خۇلاسە چىقاردى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتىن ئىبارەت يېڭى ھەرىكەت باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئاۋازى، 2020- يىلى 30- ئۆكتەبىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 30- ئۆكتەبىر

 

ئامېرىكا ئاۋازى ۋاشىنگتون خەۋىرى: كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە، خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باراۋەر، دەپ خۇلاسە چىقاردى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتىن ئىبارەت يېڭى ھەرىكەت باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن.

 

بۇ كومىتېت 21- ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، 2 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ھەممە يەرنى قاپلىغان دۆلەتلىك نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى «ئېنىقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىنى تۈپتىن يوقىتىشتۇر.» دېدى.

 

بۇ كومىتېت بىر خەۋەردە مۇنداق دېدى: «2018-، 2020- يىللىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلارغا ئاساسەن، كومىتېتىمىز شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قىلمىشىنىڭ ›ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى‹ دە بەلگىلەنگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.»

 

«ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسا قەستەن بىر دۆلەت، مىللەت، ئىرق ياكى دىنىي گۇرۇپپىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ۋەيران قىلىشتۇر، دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ.

 

كونكوردىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Concordia University) مونترېئال ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كەيل ماتېۋس (Kyle Matthews) مۇنداق دېدى: كومىتېتنىڭ بۇ خۇلاسىسى دۆلەتلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگىنىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

 

ماتېۋس ئامېرىكا ئاۋازىغا مۇنداق دېدى: «كومىتېتنىڭ بۇ خۇلاسىسى ھۆكۈمەت مەمۇرىي تارماقلىرىنى تەدبىر قوللىنىپ مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇرىلايدۇ.»

 

خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ 2017- يىلىدىن تارتىپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى خالىغانچە قولغا ئېلىپ، يىغىۋىلىش لاگېرلىرىغا سولاپ، ئۇلارغا مەجبۇرىي تەربىيە ۋە دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

 

ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى

 

بۇ كومىتېت كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ قىلمىشنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئېتراپ قىلىشقا، خىتاينى ئەيىبلەشكە ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش» قا چېتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالاشقا مۇراجىئەت قىلدى. شۇنداقلا، ھۆكۈمەتتىن خەلقئارا جەمئىيەتنى شۇ رايونغا كىرىشكە تۈرتكە بولۇشنى ھەمدە تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن تەشكىلاتلارنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

 

كومىتېت رەئىسى پېتېر فونسېكا (Peter Fonseca) ئامېرىكا ئاۋازىغا، باياناتنىڭ «كومىتېتتىكى كۆپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىردەك باياناتى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

 

ئۇ مۇنداق دېدى: «كومىتېتنىڭ دوكلاتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا تاپشۇرۇلىدۇ، تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەستىقلاش ياكى رەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ.»

 

بەزى مۇتەخەسسىسلەر كانادا قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاراپ چىقىپ، باش مىنىستىر ترودونىڭ ئىچكى كابېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى مۇمكىن، دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

 

رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (Raoul Wallenberg Centre for Human Rights, RWCHR) نىڭ يۈرگۈزگۈچى باش تەپتىش ئىلان ئورزىي (Ilan Orzy) ئامېرىكا ئاۋازىغا: «ھۆكۈمەت ھەر دائىم كومىتېتنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلايدۇ.» دېدى.

 

ئورزىي يەنە مۇنداق دېدى: «كانادا ھۆكۈمىتى بېرمىدىكى روھىنگا كرىزىسىدا مانا مۇشۇنداق بىر تەرتىپكە ئەمەل قىلغان.»

 

كانادا بېرما دائىرىلىرىنى 2018- يىلى سىنتەبىردە روھىنگا ئاز سانلىق مىللىتىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.

 

كانادا ھۆكۈمىتى كومىتېتنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش يۈرگۈزىدىغان ياكى يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى تېخى ئېلان قىلمىدى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانكوۋا-فىلىپ شامپاگېن (Francois-Philippe Champagne)  ئامېرىكا ئاۋازىغا بەرگەن باياناتىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرىگە «ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

شامپاگېن مۇنداق دېدى: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگانلارنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە قوزغايمىز ھەمدە ئادىل مۇتەخەسسىسلەرنى بىرىنچى ئەھۋاللارنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە دوكلات بېرىش ئۈچۈن شۇ رايونغا كىرگۈزىمىز.»

 

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئىزچىل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك خەۋەرلىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ كەلدۇق، شۇنداقلا داۋاملىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا ئاشكارا مۇراجىئەت قىلىپ كەلدۇق.»

 

«كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى»

 

خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. بېيجىڭ ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېدى: ئۇلار دىنىي رادىكاللىق بىلەن «زەھەرلەنگەن» ياكى جەمئىيەتنىڭ ئارقىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋتىپ، رادىكال ئىدىيىلىرىنى تازىلىدى ھەمدە يېڭى خىزمەت تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى.

 

ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن كانادادىكى بۇ كومىتېتنىڭ باياناتىنى «ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېدى ھەمدە كانادانى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

 

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى بۇ كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەستىقلىشى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتراپ قىلىشى ھەمدە بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئىلھام بولۇش مۇمكىنچىلىكى باركەن.

 

ئامېرىكىنىڭ مەيدانى

 

ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى كومىتېت ئەزاسى رۇبىئو (Marco Rubio) بۇ مەسىلىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى.

 

سەيشەنبە كۈنى ئىككى پارتىيەنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىدى.

 

ئىرۋىن (Peter Irwin) بولسا شىتابنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى (پروجەكتى) نىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ئاۋازىغا مۇنداق دېدى: «بۇ قارار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) سىياسىتىنى ئەيىبلەپلا قالماي، يەنە كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىشقا ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.»

 

ئۇ مۇنداق دېدى: «كانادىكى بۇ كومىتېتنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، گۇۋاھچىلارنى چاقىرىپ، دوكلاتلارنى تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باراۋەر ئىكەنلىكى يەكۈنلىگەنلىكى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.»

 

باش شىتابى ميۇنخېنغا جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈردى: ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ بۇ كرىزىسقا تاقابىل تۇرىدىغان تەدبىرلىرىنى تەڭشەشنى خالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا ئاۋازىغا مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ قارىماقتا، بۇ كومىتېت بۇ نۇقتىنى زور دەرىجىدە ئالغا سۈردى. بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە كونكرېت تىرىشچانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى: ئۈچ يىلدا جەمئىي 5 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر «كەسپىي تەربىيەلەنگەن»

شە ئۆكتەبىر 31 , 2020
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا دېيىلىشىچە، «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەنلەر» يىلىغا ئوتتۇرىچە 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

You May Like