«ئۇيغۇرلارغا ئادالەت» تەشكىلاتى ب د ت دا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى

25-سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇرغا ئادالەت تەشكىلاتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ياۋرۇپا يەھۇدى ئوقۇچىلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.

 

 

ھەبىبۇللا ئىزچى
2020-9-25
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

25-سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇرغا ئادالەت تەشكىلاتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ياۋرۇپا يەھۇدى ئوقۇچىلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.

 

300

 

 

 

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىگە بېرىلگەن ۋاقىت 90 سكونت بولۇپ، بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەۋسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق رامكىسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىنى، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جىددى تەدبىر ئالمىسا كېچىكىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

 

تۆۋەندىكىسى سۆزلەنگەن نوتۇقنىڭ ئەسلى تېكىستى:

 

ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت
مەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت.
بۈگۈن بۇ يەردە ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىمەن.

 

نۆۋەتتە خەلقىمىزگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئائىلەمدىكىلەر جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىندى. ئۇكام قۇل ئىشچىسى سۈپىتىدە تېلېفون زەرەتلىگۈچلىرىنى قوراشتۇرۇش زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ. بەلكىم سىزنىڭ توك قاچىلىغۇچىڭىزنى ئۇ ئىشلىگەن بولۇشى مۇمكىن.

 

بىز سۆزلەۋاتقان ھازىرقى دەقىقىدە 3 مىليون ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بېرلىن ، مادرىد ياكى چىكاگونىڭ نوپۇسىنى قۇل قىلىپ سولاپ قويغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

 

بىر مىللەتنى قىسىرلاشتۇرۇش ۋە ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. ئۇلار تىلىمىزنى چەكلەيدۇ ، كىتابلىرىمىزنى كۆيدۈرىدۇ ۋە بىزنى مىللەت سۈپىتىدە قىرغىن قىلىپ يوق قىلماقتا. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ، خىتاي دۆلىتى ھەر دەۋردە پەرقلىق شەكىلدە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى. شۈبھىسىزكى ، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدۇ.

 

» ئەسلا تەكرارلانمىسۇن»دىگەن ئىشلار ھازىر تەكرار يۈز بەرمەكتە. بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار . بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە كۆپىنچە ھۆكۈمەتلەر كۆزىنى يۇمماقتا ياكى قەستەن مەنپەئەت ئالدىدا ئىنسانلىقىنى ئۇنۇتماقتا. ھەم بىزنىڭ كوللىكتىپ ئازابىمىزدىن پايدا ئالىدىغان شىركەتلەرمۇ پەرۋاسىز قارىماقتا. ب د ت دەرھال بۇ پەرۋاسىزلىقلارغا خاتىمە بېرىپ، سۈكۈتنى بۇزۇشى، ھەركەتكە ئۆتۈشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى كېرەك.

 

مەن ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ كېڭەشنى رايونىمىز ھەققىدە ئالاھىدە دوكلات ھازىرلاپ، خەلقىمىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېنىق دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈگىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقۇلۇشىنى مەڭگۈ توختىتىشىنى چاقىرىمەن.
رەھمەت سىزگە!

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي شۇراسى ئەنقەرە ئېچىلدى

شە سېنتەبىر 26 , 2020
12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى بۈگۈن (26- سىنتەبىر) تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەلىبىلىك ئېچىلدى.

You May Like