ئۇيغۇرلار خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك قارا تىزىملىكىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزگەن دىنىي ئەلچىگە رەھمەت ئېيتتى

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۇنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا دۆلەت مەھكىمىسى «تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى» گە قاراشلىق دىنىي ئەركىنلىك ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى، يىغىندا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى تۇنجى قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى روبېرت سەيپىل ئەپەندى تەكلىپ بىلەن مۇھاكىمىگە قاتناشقان بولۇپ، خىتاينى تۇنجى قېتىم دىنى ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن باش ئەلچى بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى؛ ئۇ سەھ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۇنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا دۆلەت مەھكىمىسى «تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى» گە قاراشلىق دىنىي ئەركىنلىك ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى، يىغىندا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى تۇنجى قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى روبېرت سەيپىل ئەپەندى تەكلىپ بىلەن مۇھاكىمىگە قاتناشقان بولۇپ، خىتاينى تۇنجى قېتىم دىنى ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن باش ئەلچى بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى؛ ئۇ سەھنىگە چىققاندا، كۆپچىلىك ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى.

باش ئەلچى سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاينى بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن دېگۈدەك قارا تىزىملىككە كىرگۈزۇش جەريانىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۇش ئاسانغا توختىمىغان ئىدى، شۇ چاغدا خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمسىدىلا ئەمەس، ۋاشىنگتوندىكى تەسىرىنىڭمۇ شۇنچە چوڭ ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدىم، ئەمما بىز خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار، خىرىستئانلار، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىقىغا ئائىت يېتەرلىك ئسپات تاپشۇرۇپ ئالغانىدۇق، مانا بۈگۈنكى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە تېخىمۇ قاتتىق خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە  ئاشكارا بولدى.

يىغىنغا ئاڭلىغۇچى سۈپىتى قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، سىياسەت پەنلىرى ئوقۇغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈردى؛ ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاينى تۇنجى قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزگۈچى بولۇشتەك بۇ تۆھپە ئامېرىكىدا ھازىرقىدەك خىتايغا بولغان تونۇش ئەمدى ئېشىۋاتقان پەيتتە يىگىرمە يىل بۇرۇن ئۇنى بايقاش ۋە قارشى تۇرۇش كىشىدىن ئەقىل، ۋىجدان ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئۇچ مىليوندىن ئارتۇق لاگىرغا سولانغان ئۇيغۇر خىتاي كوممۇنىزمىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى، سىزگە سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈلپەتلىرىنى ئامېرىكا تاشقى سىياستىدىكى مۇھىم نۇقىتىغا ئېلىپ كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

باش ئەلچى تاھىرجانغا: «ئۇيغۇرلارنىڭ مېنى ئەسلىگىنىگە رەھمەت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چوقۇم ئالدىنقى تاشقى سياسەت قاتارىغا كۆتۈرۈشكە ئاز قالدى» دېدى.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتايدا خىزمەتچىلەر سۈيدۈك ئىچىشكە ۋە سۈۋەرەك يېيىشكە مەجبۇرلانغان

شە نويابىر 10 , 2018
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىتاي شىركەت دېرىكتورى، مەھسۇلات سېتىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان خىزمەتچىلىرىگە سۈيدۈك ئىچكۈزگەنلىكى ۋە سۈۋەرەك يېگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان .

You May Like