ئۇيغۇرلار 23000 ئىمزالىق خەت تاپشۇرۇپ شۋېيتسارىيە-خىتاي سودا كېلىشىمىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى

بىر پارچە 23000 ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە فېدېراتىپ كېڭەشكە سۇنۇلۇپ، شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا قايتا سۆھبەتلىشىش تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇراجىئەتنامە شىۋېيتسارىيەگە كىرگەن تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو-تېلېۋىزىيىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 9- سىنتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇرئاگېنتلىقى

2020- يىلى 16- سىنتەبىر

 

بىر پارچە 23000 ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە فېدېراتىپ كېڭەشكە سۇنۇلۇپ، شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا قايتا سۆھبەتلىشىش تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇراجىئەتنامە شىۋېيتسارىيەگە كىرگەن تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 

شىۋېيتسارىيە خەۋەرلىرىنىڭ دېيىشىچە، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، Campax توردا ئىمزا قويۇش سۇپىسى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەر جەمئىيىتى (Société pour les peuples menacés) 7- سىنتەبىر بېرن (Bern) دا بۇ مۇراجىئەتنامىنى تاپشۇرۇپ، فېدېراتىپ كېڭەشنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىگە «كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەشكە ئالاقىدار» ۋە «ئىشەنچلىك نازارەت مېخانىزمى» دىن ئىبارەت «مەجبۇرىي ماددا» لارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە «ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە خىزمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى كېسىم سوتىغا سۇنۇش» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

بۇ ئۈچ تەشكىلات شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئاساسلىنىپ، 2014- يىلى كۈچكە ئىگە بولغان بۇ كېلىشىمنى ئاشكارىلىدى ھەمدە بۇ كېلىشىمنى «شىۋېيتسارىيە بازارلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.» دەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئېيتىپ ئۆتتى.

 

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، مۇراجىئەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئۇيغۇر قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرىغا قاماقلىق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۈرمىڭلىغان ئىنسانلار «ئاساسلىق خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۈچۈن» زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلىمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

زالىم بىلەن بىرگە ياشاش

پە سېنتەبىر 17 , 2020
ئىلاۋە: 17- سىنتەبىر، فىرانسىيە دۇنيا گىزىتى قەلبىنۇر مۇئەللىم ۋە زۇمرەت داۋۇت خانىمنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى مەن گوللاندىيە ئ‍ۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىغا ۋاكالەتەن، فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گىزىتلەردىن «دۇنيا گىزىتى» ھاۋالىسى بىلەن يازغان. خاتىرەنىڭ ئىنگىلىزچە، گوللاندچە نۇسخىسى تەييار، ئەرەبچىسىنى ئاگىنتلىقىمىز ئەرەبچە بۆلۈمى جىددىي تەييارلاۋاتىدۇ. خاتىرە بىرىنجى شەخىس تىلىدا يىزىلدى.

You May Like