ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئامېرىكا ماسساچۇستس تېخنىكا ئۇنېۋېرستىتىدا ئۇيغۇر مەسلىسنى مۇزاكىرە قىلدى

وكتۇر مەمەت ئىمىن (نيۇيورك) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۇچۇن جىددى كۆڭۇل بۆلمەكتە. ئامىركىدا ياشاۋاتقان كۆپۈنچە جامائەتنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايۇنى يالغۇز ئامىرىكىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن،

دوكتۇر مەمەت ئىمىن (نيۇيورك) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۇچۇن جىددى كۆڭۇل بۆلمەكتە. ئامىركىدا ياشاۋاتقان كۆپۈنچە جامائەتنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايۇنى يالغۇز ئامىرىكىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن، ئۇ ئامىرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنى، ھەم شۇنداقلا  ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پائالىيەت مەركىزى. بۇ رايۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەر بوستون (ماسساچۇستىس شتاتىدا) لوس ئانجىلىس ، سان فرانكىسكو ( كالىفورنىيە شتاتىدا )، ھيۇستون (تېكساس شتاتى) ۋە نيۇيورك شەھىرىدىن ئىبارەت. بىز دوكتۇر رىشات ئابباس باشچىلىقىدىكى بەش  ئادەم شەنبە كۈنى بوستون شەھەرىگە بىرىپ، غول ھۈجەيرە تەتقىتقاتچىسى دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپ (دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سڭلىسى) خىزمەت قىلىۋاتقان مىت (ماسساچۇسەتتس ئىنستىتۇت ئوف تەكنولوگي-ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنېۋرستىتى) دىكى بىر يىغىن زالىدا بوستون دىكى بىر قىسىم (ۋاقىت چىقىرىپ كەلگەن) قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئىغىر ۋەزىيىتىنى ۋە ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. يىغىن چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تىن 5:30 گىچە داۋام قىلدى. يىغىن جەريانىدا ناھايتى ياخشى ئىنكاس ۋە تەكلىپلەر ئوتۇرغا قويۇلدى؛ كونكىرىت پىلانلار تۈزۈلدى. ھازىرغا قەدەر ئامىرىكىدا ماقۇللانماقچى بولغان ئۇيغۇر قانۇنىغا ماسساچۇسەتتس شىتاتىدىكى ئىككى سەناتورس ۋە بىر قىسىم ۋەكىل ئىمزا قويغان بولۇپ، بوستوندىكى قىرىنداشلار قالغان ۋەكىللەرنىڭمۇ ئىمزا قويىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان بولدى. يىغىن جەريانىدا دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپ سۆز قىلىپ، ئۆزى گەرچە قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يىتىلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىز بىلەن ھىچقانداق پەرقىنىڭ يوقلىقىنى، بىز نىمە ھىس قىلساق ئۇنىڭمۇ شۇلارنى ھىس قىلالايدىغانلىقىنى، ۋەتەندە يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەر تىپىپ، كىچىلىرى ئۇخلىيالماي كۆز يىشى قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن قولىدىن كىلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يىغىن قاتناشقۇچىلارنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈردى. دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مەن خىزمەت قىلىۋاتقان كولۇمبىئا ئۇنىۋەرسىتيگە، قېرىندىشىمىز ئابلىز خىزمەت قىلىۋاتقان يالە ئۇنىۋەرسىتيگە، مايسەم خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بىر سىڭلىمىز ئوقۇۋاتقان مىت گە، ھارۋارد ئۇنىۋەرسىتي گە ئىلىپ كىرىش توغۇرسىدا پىلانلارنى تۈزدۈق. قىشلىق تەتىلدىن كىيىن بۇ ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغۇرسىدا سەمىنار، سيمپوسىئۇملارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئامىركىنىڭ جۈملىدىن دۇنيانىڭ ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا ئەكىرىدىغان بولدۇق.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي ئىنتېرنىت شىركەتلىرى پانئەرەپ تور شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان

سە دېكابىر 18 , 2018
خىتاينىڭ خەلىق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىدا 18-دىكابىر تارقالغان بىر خەۋردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي تور شىركەتلىرى پانئەرەپ تور شىركىتىنىڭ مىسىر شۆبىسىگە جەمىيى 5 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

You May Like