ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىدىن چاقىرىق

6-ئاينىڭ 25-ۋە 26-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە «ئۇيغۇر كىرزىسى: ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى»تىمىسىدا مىللىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۈرۈنگەن تەتقىقاتچىلار دوكلات بىرىدۇ. بۇ يىغىننى ياپونىيە كاگوشىما خەلىقئارا ئۈنىۋېرسىتېسى، تۈركىيە 18-مارت چاناققەلئە ئۈنىۋېرسىتېسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنسى بىرلىشىپ ئۇرۇنلاشتۇغان. بۇ يىغىن ياپونىيە مەتبۇئاتى ۋە جامائىتىگە شەرقى تۈركىستاندىكى شىددەتلىك كۈلتۈرەل قەتلىئام ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىشتەك كۈنتەرتىپكىمۇ ئىگە

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى

2019-6-13

6-ئاينىڭ 25-ۋە 26-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە «ئۇيغۇر كىرزىسى: ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى»تىمىسىدا مىللىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۈرۈنگەن تەتقىقاتچىلار دوكلات بىرىدۇ. بۇ يىغىننى ياپونىيە كاگوشىما خەلىقئارا ئۈنىۋېرسىتېسى، تۈركىيە 18-مارت چاناققەلئە ئۈنىۋېرسىتېسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنسى بىرلىشىپ ئۇرۇنلاشتۇغان. بۇ يىغىن ياپونىيە مەتبۇئاتى ۋە جامائىتىگە شەرقى تۈركىستاندىكى شىددەتلىك كۈلتۈرەل قەتلىئام ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىشتەك كۈنتەرتىپكىمۇ ئىگە.

بۇ يىغىن شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقان بولسىمۇ خەلىقئارانىڭ ئىنكاسىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقان بىر پەيىتتە ياپونىيەدە ئېچىلىشى ياپونىيە ھۈكۈمىتى،جامائەت ئەربابلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنىمۇ مەقسەت قىلغان.

بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى شەرقى تۈركىستاننى قوللاۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ياردىمىدە بۇ يىل ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە ئۆتكۈزۈلدىغان G20يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان شىددەتلىك قەتلىئامنى ئەيىپلەپ نامايىش قىلىدۇ.بۇ نامايىشقا رابىيە قادىر خانىم يىتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ نامايىشقا يەنە گىرمانىيەدىن ھەرقايسى تەشىلاتلاردىن ۋەكىللەر قاتنىشىدۇ.ئۈمىد ھامىت ئەپەندىم ۋە مۇرات يىگىت ئەپەندىم سۆز قىلىدۇ. ياپونىيەدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى بۇ پائالىيەتكە چاقىرىمىز.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

بىلگىيەنىڭ بىيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ھەيدىۋىتىش ئۈچۈن خىتاي ساقچىلارنى چاقىرغان

جۈ ئىيۇن 14 , 2019
بىر يىرىم مىلىيون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار2017- يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ غەربىدە لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنى ۋە سىياسىي خاھىشىغا پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىنىپ، بۇ رايوندىكى ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، ئۇرۇق- تۇغقانلار ھىجران ئازابىغا چۆكمەكتە.

You May Like