ۋەتەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: ئاياللىرىمىزنى چوقۇم قەدىرلىشمىز كىرەك.
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ئائىلە ۋە ئەرلىك مەسئۇلىيەت ھەققىدە سۆز قىلىشتىن بۇرۇن: مەن ئۆزۈمنى ھەر قانداق ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئىجتمائى ئۆلچەملەردە باشقىلارغا ئۈلگە ياكى نەمۇنىلىك بىرى دەپ قارىمايمەن، ئەمما توغرا بىلگەن قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلىشش بۇرچىمىزدۇر دەپ ئويلايمەن،مەزكۇر ماقالە كۆپچىلىك ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ھەققىدىكى قاراشلىرىدۇر.
(1)ئۇيغۇر كارخانىچىلار: ئايالىنى قەدىرلىگەن كارخانىچى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولالايدۇ.
2014-يىلى قشتا، تەشەببۇسۇم بىلەن ئۈرۈمچىدە ئوتتۇز ئوغۇل كارخانىچىلىرى جەمئىيتى -ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ھەققىدە بىر مۇھاكىمە يېغىنى ئۇيۇشتۇردۇق، يېغىنغا 100 دىن ئارتۇق ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە كارخانىچىلار، (ختتاي باشقۇرۇشىدىكى) ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېقتساد باشقۇرۇش، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى قوللاش تارماق مەسئۇللىرى،ئاتالمىش شنجاڭ ئۇنېۋرىستىتى ۋە مالىيە ئېقتساد ئۇنېۋىرستىتى كارخانا باشقۇرۇش كەسپى پىروففىسورلىرى قاتناشتى، قائىدە بويىچە كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ باي بولۇش تەجرىبىسنى سۆزلەيتتى، ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كورلىدىن تۇرسۇنجان (ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمىگەچكە يۇرتى ۋە ئسمىنى ئالماشتۇردۇم) ئسىملىك كارخانىچى سەھنىگە چىقتى. ئۇنىڭ تېمىسى :«ئائىلە باشقۇرۇش سەنئىتى ۋە كارخانا باشقۇرۇش »بولۇپ،ئۇنىڭ مونۇ سۆزلىرى ھەممىمىزنى كۈلدۈرگەن ۋە ھەيران قالدۇرغان ئىدى:
ئائىلىسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرالىغان كىشى-كارخانىنى ياخشى باشقۇرالايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئايالىمىزنى ئاسراش بىلەن كارخانىنى ئاسراش ئوخشاش،ئايالىنى ياخشى كۆرگەن ئادەم كەسپىنى ۋە كارخانىسنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ،ئايالغىمۇ ۋە كارخانىغىمۇ مۇھەببەت لازىم،ئەمما مىنىڭ ھەقىقى تەجرىبەم بولسا، بىر ئادەم خوتۇنىغا قانچە سادىق بولغانسرى، شركىتى شۇنچە روناق تاپىدۇ،خوتۇنىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئادەم ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە باي بولالايدۇ».ئەرلىك ئىدىيسى كۈچلۈك بولغان جەمئىيتىمىزدە، بولۇپمۇ ئوتتۇز ئوغۇلدەك پەقەت كۈچلۈك ئەرلەرنىلا قوبۇل قىلىدىغان تەشكىلى سەھنىدە بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاش دەماللىققا غەلىتە تۇيۇلسمۇ ئەمما يەنىلا قوبۇل قىلىشچان زىھنىمىز ئۇچۇن تىزلا بۇ گەپ تىزلا مودا سۆزگە ئايلاندى،بۇنىڭدىن ئىلھام ئىلىپ،يەنە بىر كارخانىچى «خوتۇندىن قورقۇش-شركەت تەرەققىياتنىڭ ئاساسى »دەپ ماقالە يېزىپ ئوتتۇز ئوغۇل مۇدىريتىگە تاپشۇرغانىدى.
(2) ئەرلەر مەسئۇلىيتى مۇھاكىمە يېغىنى
كېيىنكى كۈنلەردە،ئاجرىشش نسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى،نىكاھتىن سرت مۇناسۋەتنىڭ ئەۋج ئىلىشى، تاراتقۇلاردا يولدىشى ھەققىدە شكايەت قىلغۇچى خانىملارنىڭ كۆپىيشى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسزلىكىنى تەنقىد قىلىش ئاساسى ئېقىمغا ئايلاندى.
بۇ سەۋەبتىن مەن 2016-يىلى قارلۇق شركىتى بىلەن ھەمكارلىشپ «ئەرلەر ۋە ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت »تېمىسدا بىر مۇھاكىمە يېغىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. مەزكۇر يېغىننىڭ ئاساسلىق ئاڭلىغۇچىلىرى ئەرلەر ،بولۇپمۇ 30 ئوغۇل كارخانىچىلىرى بولۇپ، مەزكۇر يېغىنغا ئۇيغۇرنىڭ تونۇلغان زىيالىيلىرىدىن ئىمىن ئەھمىدى ، مائارىپچى تۇرسۇن ئاكا، ئاتالمىش شنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرستىتى پىراففىسورى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، ئاياللار بىرلەشمىسى «شنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى باشلىقى ھەنىپە خانىمنى ئاساسلىق سۆزلىگۈچى قىلىپ تەكلىپ قىلدىم،سۆھبەت-ھەم ئاكادىمىك نۇقتىدىنلا ئەمەس بەلكى ھەم ئىجتىمائى رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مەسللەرنىڭ يېلتىزى ۋە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى،مىللەتنىڭ ئەركەكلىك چۈشەنچىسى، ساقلىنىۋاتقان مەسللەر تېزىملىكى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە سۆزلەنگەنىدى،ئاياللارنىڭ ئاھۇ-زارى نۇقتىسدىن ھەنىپە خانىم بەك كونكرىت مەسللەرنى ،ھەل قىلىش چارىلىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
شۇ چاغدىكى ئورتاق پىكىرلەردىن بىرى -ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى قارىشى ۋە ئائىلە سۆيگۇسى ھەققىدە ساقلانغان مەسللەر ئىغىر بولۇپ، ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىتەرەققياتىغا زىيانلىق بولماقتا ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ ۋە كۆپ بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ سياسى ئۈستقۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشى بار،ئەمما بۇلارنى ھەل قىلالمايمىز دەپ ۋاز كەچكەندىن،ئىمكان دائىرسدىن جەمئىيەتنى ئسلاھ قىلىش ئۈچۈن تېرشچانلىق قىلىشمىز كىرەك »دىگەندىن ئىبارەت ئىدى.
بۇنىڭغا ئائىت سنئالغۇ،سۈرەت ۋە خەۋەرلەر ئەينى چاغدا ئىلان قىلىنغان بولۇپ،مەخسۇس ئىلمى ماقالە يېزىلغانىدى…
3-ۋەتەن سرتىدىكى زىيالىيلار:
مەن مۇھاجىرەتتە ياشىغان ئۆتكەن بەش يىلدا سياسى ۋە زىيالىيلار قاتلىمى بىلەن يېقىن مۇئامىلىدە بولدۇم، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بىلەن ۋەتەندىكى چېغىمدىن باشلاپ يېقىن ئۆتكەنلەرمۇ بار، مەسلەن: تاھىر ھامۇت، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، قاسمجان ئاتلان، ئاكا-ئۇكا نەجمىدىن ۋە پەخرىن قارلۇقلار…ۋە
چەتئەلگە چىققاندىن كىين قەرەللىك ھايات تېمىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشپ كىلىۋاتقان ئاكا ئۇستازلار ۋە دوسلار بار، مەسلەن: شۆھرەت ھوشۇر، ئۆمەر قانات، نۇرى ئەپەندىم، ئىككى خەمىت ئەپەندىم، قۇززات ئەپەندىم ۋە باشقا نۇرغۇنلار..
بىز كۆپلىگەن سۆھبەتلىرىمىزدە ۋەتەن ۋە مىللەت مەسلىسنى مەركەز قىلىمىز، ئەمما باشقىلارنىڭ تاتىلىشى بىلەن تېما چوقۇم ئاياللاردىن ئەگىپ ئۆتەلمەيدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممسنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار، ئۇ بولسمۇ ئائىلىسنى سۆيۈش ۋە ئايالىنى قەدىرلەش.
ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ۋە نەتىجىلىرىنى ئايالىنىڭ قوللشى، مۇھەببىتىدىن ئايرىپ قارىمايدۇ.
2021-يىللىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋىلىش ئولتۇرشىدا ئاكا-ھەدىلىرىمىز ماڭا كۆيۇنۇش نۇقتسدىن، مىنىڭ شەخسى ھاياتىم ۋە جۆرە تاللىشىمغا مەركەزلىشپ، مېنى تېزراق جۆرۈلۈك بولۇشقا ئىلاھاملاندۇردى:
» دۇنيادىن ئايالىدىن قورقۇشتەك لەززەتلىك ئىش يوق، ئىشەنمىسەڭلار مەندەك بىر قورقۇپ بېقىڭلار ھوزۇرىنى بىلىسىلەر » دېدى شۆھرەتكام، سورۇندا » ئايالىدىن قورقۇش» چاقچىقى بولۇنغاندا ۋە ئارقىدىن ئۇ بۇ سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىپ مۇھاجىرچىلىقتا، ئايال كشىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ھەم ئاغىنە، ھەم قېرىنداش، ھەم سەپداشلىق رولىنى ئوينايدىغانلىقى، شۇڭا چەتئەلدە ئەر-ئاياللارنىڭ ۋەتەندىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تاھىر ھامۇت :تاھىرجان ئۇكام، مەيلى ۋەتەندە ياكى چەتئەلدە بولسۇن، ئائىلە بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسمىز، كىچىك ۋەتىنىمىز. بولۇپمۇ مۇساپىرچىلىقتا ئاياللار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ھەمراھىمىز، دوستىمىز. راست گەپنى دىگەندە، ئاياللارغا رەھمەت ۋە مىننەتدارلىقىمىز چەكسز بولسا بولىدۇ. مەرھابا ھەدىڭىز مۇشۇ يات دۆلەتتىكى مۇساپىرچىلىقتا ماڭا ھەمراھ بولۇپ، ئىلھام بىرىپ، مەن بىلەن بىللە نۇرغۇن ئسسق -سوغۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۇرۇپ، بالىلىرىمىزنى قاتارغا قوشۇپ مۇشۇ يەرگىچە كەلدۇق.
مىنىڭ ھەر قانداق كىشگە تەۋسيەم، ئايالىڭىزغا مىھىر-سۆيگۇنى قانچىلىك بەرسڭىز زايە كەتمەيدۇ.
قۇززات ئالتاي:
ھەزرەتى خەتىجە ئانىمىزدىن ئۈگەندۇق ئاياللارنىڭ بىر جەمئىيەت ۋە بىر دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى.
ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە مۇجەسسەملەشكەن پىداكارلىق ۋە شەرتىسز مۇھەببەت.
مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇق بىر پەيىتىدە ئاياللىرىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەشتە، مىللىتىمىزنىڭ قۇتۇلۇشى، ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالىدا مىسلىسىز تۆھپە قوشىۋاتىدۇ ۋە باشلامچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئەرلەر ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ئۈگۈنۈش كېرەك. ئۇيغۇر ئەرلەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قەدىرلەش كېرەك. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇتقان مۇئامىلىمىز بۇنۇڭدىن كىيىنكى تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ: تاھىرجان ، ئايالىم ھاياتىمدىكى بىر مۇقەددەس مەۋجۇتلۇق،ئۇ بولمىسا نۇرغۇن نەرسلەرنى تەسەۋۇر قىلالمىغان بولاتتىم.مەن بىر خيالپەرەس، ئەمما ئايالىم بولمىغان خياللىرىم پەقەت خيال پىتى قالاتتى. مىنى قىلدى دىيلۋاتقان ئشلارنىڭ ھەممىسدە ئايالىمنىڭ كۈچى زور. مەن باشلىدىم، مەسلەن ئانا تىل مەكتىۋى، مەن يتەكچىلىك قىلدىم ئەمما بارلىق ئارقا سەپ، كونكىرىت ئشلار نى ئايالىم قىلدى، مەسلەن، كىتاپ يېزىشقا كەلسەك، مىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنىمۇ ئايالىم، مۇھەرىرىممۇ ئايالىم،ئايالىم ئاۋال ئوقۇيدۇ،ئايالىم پىكىر بىرىدۇ..مەن تۈزگەن دەرسلىكلەرنى ئاۋال ئايالىم دەرسلىك قىلىپ ئۆتتى.بالىلىرىمغا ئۆتكەن شئرلارنىمۇ ئايالىم قىزلىرىمغا يادلاتتى…مىنىڭ ئايالىمغا مىننەتدارلىقىم چەكسز.
ئاخىرقى سۆز:
ئۇيغۇر ئاكىلار، دوسلارنىڭ سۆزىدىن شۇنى ھىس قىلىمەن:
ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ ئاياللىرىغا بولغان ھۈرمەت، مۇھەببەت ۋە قايىللىق بار.
ئاياللار بىزنىڭ يېنىمىزدىكى ۋەتەن. ئۇلار بىزگە ئامانەت، ئۇلار تۈگىمەس مېھىر بۇلىقى ۋە سۆيگۈ دەرىخى،ئۇلار بىزنىڭ ۋاقتىمىز، بايلىقمىز، بارلىقىمىزنى مەبلەغ سلشقا ئەرزىيدىغان كاتتا تۈر، شەخسى ھاياتىمىز ۋە مىللى كۆرىشمىزنىڭ كۈچلۈك قورغانى ، ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ خىمىر تۇرۇچى..بىز ھەمىشە ئۇلارنىڭ قىممىتىگە سەل قارايدىغان ئەڭگۈشتەر.
ئاياللارنى قەدىرلەش-ئۆزىمىزنى قەدىرلەشتۈر،ئاياللار قەدىرلەنسە،مىللىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان بالىلار قەدىرلەنگەن بولىدۇ.
بۇگۇنكى دۇنيادا ئەڭ زور قېيچىنلىققا ئەڭ زور چىدام بىلەن بەرداشلىق بىرىۋاتقانلار ئۇيغۇر ئانىلىرىدۇر،ھەممىمىزگە ئۈمىد،ئشەنچ ۋە مۇھەببەت بىرىۋاتقانلار -ئۇيغۇر ئانىلار ۋە خانىملاردۇر.پۈتۈن دۇنيانى تەسرلەندۇرۇپ لەرزىگە سالغان ئۇيغۇر ئانىلاردۇر.
مۇھاجىرەتتىكى خانىملار-پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئەينىكىدۇر،ئۇلارنى قوغدايلى،ئاسرايلى.