ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھۆرلۈك جارچىسى -ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ۋاشنگىتوندا ئالەمدىن ئۆتتى

مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ھاياتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرلۇكى ئۇچۇن ئىزدىنىش ،قەلەم تەۋرىتىش بىلەن ئۆتتى، ياراملىق پەرزەنتلەرنى قاتارغا قوشتى، نادىر ئەدەبى ۋە سياسى ئەسەرلەرنى يادىكار قالدۇردى ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىنىشى ئۇچۇن تۇرتكە بولدى . ئۇيغۇر خەلقى بۇنداق بىر پەرزەنتىنى خۇددى ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ ھاياتىنى داغدۇغىلىق خاتىرلىگەندەك مەڭگۇ يادلايدۇ . پەرزەنتلىرى ،كىينكىلەر ئۇنىڭ مەشئىلىنى ئۆچۇرمەيدۇ ! مەرھۇمنىڭ روھىغا شاتلىق تىلەيمەن !

-تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1951 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە توغۇلغان.
كەسپى: مۇھەررىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى
ئۇنۋانى: كاندىدات ئالىي مۇھەررىر , مۇئاۋىن پروفېسسور

قىسقىچە ھاياتى
1957 ‏- يىلىدىن 1966 ‏- يىلىغىچە ئۈرۈمچى 5 ‏- باشلانغۇچ مەكتەپ، شۆبە ئوتتۇرا ( ھازىرقى تەجرىبە ئوتتۇرا ) مەكتەپ ۋە ئۈرۈمچى ئالىي تولۇق ئوتتۇرا ( ھازىرقى14 ‏- ئوتتۇرا ) مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1970 ‏- يىلى 5 ‏- ئايغىچە مەكتەپتە مەدەنىيەت ئىنقىلابى قالايمىقانچىلىقىدا دىنىي ۋە مىللىي ئويغىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1973 ‏- يىلىغىچە غۇلجا توققۇزتارا ناھىيىسى گۆرجىلغا يېزىسىدا مەجبۇرىي دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەمگىكىگە قاتناشقان. 1975 ‏- يىلى 7 ‏- ئايغىچە ئۈرۈمچى 21 ‏- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
1975 ‏- يىلى 9 ‏- ئايدىن 1977 ‏- يىلى 7 ‏- ئايغىچە ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئۇنۋېرىسال كەسپى پاكولتىتىدا ئوقۇپ ئەلا پۈتتۈرگەن.
1983 ‏- يىلى 12 ‏- ئايغىچە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ماتىماتىكا، تىل، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
1981 ‏- يىلى 9 ‏- ئايدىن 1984 ‏- يىلى 7 ‏- ئايغىچە رادىئو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پاكولتېتىدا دۇنيا، خىتاي ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، ئاخباراتچىلىق كەسپى پەنلىرىدە ئوقۇپ دىپلوم ئالغان.
1983 ‏- يىلىدىن 1986 ‏- يىلىغىچە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدا مۇخبىر، ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
1986 ‏- يىلىدىن 1992 ‏- يىلى 8 ‏- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋە تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ 42 سان تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن.
1991 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئاخبارات، نەشرىيات كەسپى بۇيىچە كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ( مۇئاۋىن پروفېسسور ) كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1992 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا ئائىلىسى بىلەن بىللە قازاقىستان ئالماتاغا تۇغقان يوقلاشقا چىقىپ، تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. شۇندىن باشلاپ 2000 ‏- يىلى 2 ‏- ئايغىچە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ كۈلتۈر تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى، 28 سان شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
2000 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتونغا كېلىپ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى
خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار ئەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى
« شىنجاڭ» خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش كاتىپى
« شىنجاڭ» غۇنچە مۇكاپاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى
ئۈرۈمچى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى
« شىنجاڭ» يازغۇچىلار جەمئىيىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى، قۇتاتغۇبىلىك تەتقىقات جەمئىيىتى، 12 مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى، فولكلور جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ئەزاسى
تارىم ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ئەيئەت ئەزاسى، تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى
تۈركىىيە دۆلەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتى پروجىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمى مەسئۇلى
تۈركىيە دۈلەتلىك يازغۇچىلار بىرلىكى ‏- ILESAM نىڭ ئەزاسى
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق دەرنىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى باشلىقى‏- 1998 ‏- يىلى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى كومىتېت ھەيئەت ئەزاسى 1999 ‏‏- يىلىغىچە
ئامېرىكا ئۇيغۇر خەلقئارا كۈلتۈر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.
ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان كىتابلار
« بىزنىڭ شەھەر » پەننىي بىلىم ‏- پەن تېخنىكا نەشرىياتى 1982 ‏-يىل
« تىيىننىڭ تۈۋرۈك سانىشى» مەسەللەر ‏- ئۈرۈمچى خەلق نەشرىياتى 1983 ‏- يىل
« دەپتەرلەرنىڭ سۆھبىتى » شېئىرلار ئۈرۈمچى خەلق نەشرىياتى 1984 ‏- يىل
« بىلىم ئىشقىدا » شېئىرلار ئۈرۈمچى ياشلار نەشرىياتى 1885 ‏- يىل
« ئۇدۇن ئۈزۈم رىۋايىتى » داستان ‏- تەرجىمە كۆۋرۈك ژۇرنىلى 1996 ‏- يىلى
« بەش ياشلىق مەرگەن » ھىكايىلەر ‏- بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1987 ‏- يىل
« ئويغانغان ئۇيغۇر » ئەدەبىي ئاخبارات ‏- شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۈزگەن 1989 ‏- يىل
« باغچا بالىلىرى ناخشىلىرى » ناخشا توپلىمى ئۈرۈمچى ياشلار نەشرىياتى 1989 ‏- يىل
« ھايۋاناتلار باغچىسى ھىكايىلىرى » تەرجىمە ‏- خەلق نەشرىياتى 1990 ‏- يىل
« مايمۇنجاننىڭ يۇرتىغا قايتىشى » چۈچەك تەڭرىتاغ ژۇرنىلى1991 ‏- يىل
« قىزىقارلىق ھايۋاناتلار ھىكايىلىرى » تەرجىمە ‏- خەلق نەشرىياتى ‏- 1992 ‏- يىل
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان كىتابلار
« ئاسارەتتىدىكى تۈرك مۇسۇلمان دۆلىتى شەرقىي تۈركىستان » ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئېنگىلىزچە رەسىملىك كىتابچە ‏- ئىستانبۇل 1994 ‏-يىل، 2 ‏- نەشرى 1995 ‏- يىل
« ئۇلۇغ تەڭرىمىز » تەرجىمە ‏- ( ئابدۇقادىر تۈركىستانى خىراجىتى بىلەن) تۈزگۈچى ئا. باقى 1996 ‏- يىل
« شېھىدلار شەجەرىسى » ۋەقىپ تەتقىقات مەركىزى 1997 ‏- يىل ئىستانبۇل
« شەرقىي تۈركىستان قوللانمىسى » ۋەقىپ تەتقىقات مەركىزى 1999 ‏- يىل ئىستانبۇل
« كۈرەشچان ئەجدادلار » داستانلار ‏- تەكلىماكان نەشرىياتى ئىستانبۇل 2012 ‏-يىل
« چۈشۈرگىدىكى ماجىرالار » رومان ‏- تەكلىماكان نەشرىياتى 2013 ‏- يىل
« تۆمۈرتۇمشۇق بىلەن سېغىزخان » بالىلار شېئىرى مەسەللىرى ‏- تەكلىماكان نەشرىياتى 2013 ‏- يىل ( يوللاندى )
« تۈلكە بىلەن خوراز » بالىلار نەسىرى مەسەللىرى ‏- تەكلىماكان نەشرىياتى 2013 ‏- يىل ( يوللىنىدۇ)
ئىجادى ئەسەر ۋە ماقالىلەر:
ئۈرۈمچىدە گېزىت ، ژۇرناللاردا 20 يىل ئىچىدە 550 پارچىغا يېقىن ئەدەبىي ئەسەرلەر‏- شېئىر، ھىكايە، مەسەللەر ھەمدە ئىلمىي ماقالىلەر ، مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىدا 52 پارچە ئەدەبىي ئەسەر ئېلان قىلىنغان.
نورۇز بايرىمى ئەدەبىيات، سەنئەت پائالىيىتى مەزمۇنىدا تېلېۋىزىيىدە ئېلان قىلىنغان 5 پارچە تېلېۋىزىيە فىلىمىنى يېزىش ۋە فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان.
ئىستانبۇلدا 300 پارچىغا يېقىن خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ ھەمدە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان .
« ئاسارەتتە ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان » فىلىمىنى يېزىپ، فىلىم ئىشلىتىپ سامان يولى تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلغان.
تۈركىيە ئاتا تۈرك كۈلتۇر مەركىزىنىڭ « تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتى پروجېسى شەرقىي تۈركىستان ئەدەبىياتى بۆلۈمى » مەسئۇللۇقىنى ئۆتەپ، ھەر بىرى 600 سەھىپىلىك، 30 توم كىتاب ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى، ئەدىپلىرى، تاللانما ئەسەرلىرى ۋە سۆزلۈكلىرى ئۈچۈن 3000 بەتلىك ماتېرىيال يېزىپ ۋە تەييارلاپ چىقتى، بۇ قامۇسلار نەشردىن چىقتى.
ئامېرىكىدا 19يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي ۋەزىيىتى، ئىنسانىي ھوقۇقى ھەمدە ئىسلامىي ئەقىدىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مەزمۇنىدىكى 25000 پارچىغا يېقىن ماقالە، خەۋەرلەرنى تەھرىرلەپ ئېلان قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.
مۆتىۋەر جامائەت ئەربابى باقى تۇردى ئاكىنىڭ 8 ‏- پەرزەنتى پىشقەدەم مائارىپچى، ئاخباراتچى، ئەدىپ ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ھازىر ، خوتۇنى دىلبەر خانىم، ئۈچ قىزى، كۆيئوغۇللىرى ۋە ئىككى نەۋرىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىدا ئىدى.

مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

"دۇبلىن قانۇنى" ۋە ياۋروپادىن پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلار

پە ئاۋغۇست 8 , 2019
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى تەييارلىغۇچى: دىلنۇر 2019-8-8   يېقىنقى يىللاردا ياۋروپاغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئومۇمى كۆچمەنلىك قانۇنلىرىنى بىلمەسلىك سەۋەپلىك، بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە يۆتكىلىپ تىلەش، ھەتتا بىر دۆلەتتە تىلەپ بولۇپ، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتىگە بېرىپ تىلەش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە،»دۇبلىن قانۇنى» بويىچە، بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە […]

You May Like