ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسلىسى تۈركىيە مەجلىسدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى

(ئىزاھات :تۈركىيە جۇمھۇرىيتى مۇساپىر ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مىللى،دىنى قىرىنداشلىرىنىڭ يۇرتى،ئەمما ئۇيغۇر خەلقى تارىخى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن،دۇنيا جامائەتچىلىكى ،جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ،غەرپ سياسەتچىلىرى،تاراتقۇلار،ئالىملار ھەتتا خىرىستىئانلار ۋە ختتاي قاتارلىق مىللەتلەرگىچە تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھەرىكەتكە كەلگەن بۇگۇنكىدەك پەيتتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ھاكىمىيتى ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن ھەق تەرەپتە تۇرماقتا يوق،ختتاي بىلەن خەلقئارا بىرلىكسەپ ياساپ،ئۇيغۇر مىللىتى تەلتۆكۈس يوقىلىشقا دۇچ كىلىۋاتقان پەيتتە ،بىلىپ تۇرۇپ ختتايغ

ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسلىسى تۈركىيە مەجلىسدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى

فاتىخ قاراكۆز (Fatih Karagöz)

تۈركىيە تۈركچسىدىن ئۇيغۇر تۈركچسىگە ئۆرىگۈچى : كۆلتېگىن

ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

  (ئىزاھات :تۈركىيە جۇمھۇرىيتى مۇساپىر ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مىللى،دىنى قىرىنداشلىرىنىڭ يۇرتى،ئەمما ئۇيغۇر خەلقى تارىخى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن،دۇنيا جامائەتچىلىكى ،جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ،غەرپ سياسەتچىلىرى،تاراتقۇلار،ئالىملار  ھەتتا خىرىستىئانلار ۋە ختتاي قاتارلىق مىللەتلەرگىچە تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھەرىكەتكە كەلگەن بۇگۇنكىدەك پەيتتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ھاكىمىيتى ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن ھەق تەرەپتە تۇرماقتا يوق،ختتاي بىلەن خەلقئارا بىرلىكسەپ ياساپ،ئۇيغۇر مىللىتى تەلتۆكۈس يوقىلىشقا دۇچ كىلىۋاتقان پەيتتە ،بىلىپ تۇرۇپ ختتايغا ستىراتىگىيەلىك دوست،سياسى شىرىك بولماقتا ،ختتاينىڭ  كۇچلىنىشى ئۇچۇن ئېقتسادى ھەم مەنىۋى كۇچ قوشماقتا.شۇنداقتىمۇ تۈركىيە پارلامىنتىدا بۇ تېما ئاخىرى ئوتتۇرىغا چىقتى،ئوتتۇرىغا چىققاندىمۇ دىموكراتىيە خەلق پارتىيسنىڭ ئەزاسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى،ئىلگىرى بۇ ھەقتە جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيسى ۋەكىللىرى ئوبزور يازغان ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى،مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسىنى تەنقىد قىلغانىدى،ئەمدىلىكتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ئويلىنىپ بېقىشى كىرەكمۇ يوق؟ئۆزىنىڭ تارىخى بىر جىنايەتكە شىرىكلىشۋاتقانلىقى ھەققىدە كاللىسنى سىلكىشى كىرەكمۇ يوق؟ بۇ بىز دىققەت قىلىدىغان بىر مەسلە!) تۈركىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاي ھۆكىمتى تەرپىدىن لاگىرلاغا يىغۋېلىنىپ قىيىن قىستاققا ئېلىنغانلىقى مەسلىسى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى. گەرگەرلى ئوغلى (Gergerlioğlu ) مەجلىستە « ئەگەر ب د ت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەرگەن دوكلات ۋە مەزمۇنى توغرا بولسا، بۇ ھەقتە خىتايغا نوتا بېرش تۈركىيە ھۆكىمتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بارمۇ؟ » دەپ سوردى. ھ د پ نىڭ كوجائەلى مىللەت ۋەكىلى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاراپ چىقىش ھەيئەتنىڭ ئەزاسى دوكتور ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلى ، ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى بىكار قىلش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى لاگىرلارغا سولاپ قىين قىستاققا ئېلۋاتقانلىقىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىدىن يۇقارقى سۇئالنى سوردى. ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى بىكار قىلش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى غايەت زور نازارەت لاگىرىغا ئايلاندۇرۇلغان. دوكلاتتا، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېرورىزىم ئېنقلىمىلىرىنىڭ مۇجىمەل ئىكەنلىكى بايان قىلنغان بولۇپ خىتاي ھۆكىمىتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھىچبىر ئاساسسىز تۇتۇش ۋە سوتسىز كېسۋىتىش قاتارلىق قىلمىشلىنى توختىتىشى تەلەپ قىلنغان . ب د ت ، خىتاينىڭ مەلۇم دىن ۋە مىللەتنى نىشان قىلغان قىلمىشلىرى ھەققىدە مۇستەققىل بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتىرىغا قويغان . خىتايغا بۇھەقتە نوتا بېرىش تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بارمۇ؟ بۇ مەسلىنى پارلامنىتقا ئەكىرگەن گەرگەرلىئوغلى ، كىم مەزلۇم بولسا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ، كىم زالىم بولسا ئونىڭغا قارشى چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ، بۇ مەسلىنى ئۆزىنىڭ يېقىندىن كۈزىتىپ كىلۋاتقانلىقىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنسترلىگىدىن بۇ ھەقتە جاۋاپ كۈتىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. گەرگەرلىئوغلى سوئال سوراش جەريانىدا، ب د ت نىڭ بىرمىليونغا يېقىن ئۇيغۇر تۈركىنى تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش باھانسى بىلەن خىتاي تەرپىدىن مەجبۇري تۇتۇپ تۇرلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كىشىنى بەكمۇ ئەندىشلەندۈردىغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئوتترىغا قويغا دوكلاتىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ ، ئو تۇتۇلۇپ تۇرۇلغان كىشلەرنىڭ قويۇپ بېرلىشى كىرەكلىلكىنى تەلەپ قىلدى ۋە مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىدىن تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارنى سوردى؛ خىتاينىڭ بىرمىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇر تۈركىنى لاگىردا تۇتۇپ تۇرۋاتقانلقى توغرىمۇ؟ ئەگەر بۇ خەۋەر توغرا بولسا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئڭيەردە تۇتۇلۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ لاگىرلاردىكى كىشىلەرنىڭ قىين قىستاققا ئېلىنغانلقى ۋە ئاچ قويۇلغانلىقى راستمۇ؟ بۇ ھەقتە ، تۈركىيەنىڭ بىيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋە كونسۇللاردىن بىر نەرسە سورالدىمۇ؟ ئەگەر ئولاردىن بۇتوغرۇلۇق ئۇچۇر ئىگەللىنىلگەن بولسا بۇ ئۇچۇرلار نىمشقا ھازىرغىچە خەلىققە ئاشكارلانمايدۇ؟ ب د ت نىڭ دوكلاتدىكى بايانلار توغرا بولسا بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكىمتىگە نوتا بېرىش تۈركىيە ھۆكىمتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بارمۇ؟ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن قانچە كىشى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى ؟

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيە ئېيى پارتىيسنڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخبارات جاكارنامىسى

جۈ سېنتەبىر 7 , 2018
تۈركىيە ئېيى پارتىيسنڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخبارات جاكارنامىسى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقى تۈركستان)دا ئۇيغۇرتۈركلىرىگە قارشى باستۇرۇش ھەققىدە ئشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغان مەلۇماتلار يېقىنقى مەزگىلدىن بىرى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەر ئالماقتا ۋە بۇ تېمىغا ئىيى پارتىيە يېقىدىن دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. 2018-يىلى 30-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر […]

You May Like