ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل  شۋېتسىيەنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسدا  سىكادا  شېئىرىيەت مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-ماي

ئورقۇن تەييارلىدى

ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل 24-ئاپرىل كۈنى شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان.

تاھىر ھامۇت ئېجتىمائى تاراتقۇدا مۇنداق دىگەن: 

«بۈگۈن شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مېنىڭ شېئىرلىرىمنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن شۋېتسىيە ئىنىستىتۇتى بىلەن باھالاش ھەيئىتىگە ۋە قىزغىن كۈتىۋالغان شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن. »

مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر تىلشۇناس ۋە پائالىيەتچى مۇستاپا ئاقسۇ تەرجىمانلىق قىلغان


بۇ تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ 2023-يىللىق ئامېرىكا كىتاپ تەقرىزچىلىرى جون لېئونارد مۇكاپاتى (2023 National Book Critics Circle John Leonard Prize for Best First Book) ۋە 2024-يىللىق ۋاتسلاۋ ھاۋېل خەلقئارا تەنقىدىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى، 2024-يىللىق مور ئىنسان ھەقلىرى يېزىقچىلىقى مۇكاپاتىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

شۆھرەت ھوشۇر:خەيىر خوش، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى!

يە ماي 4 , 2025
ئەسسالامۇئالەيكۇم دوستلار، ئۈلۈشكۈن ئىدارىمىزدىن -ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن- ئىشتىن توختىغانلىقىمىز ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالدۇق. رادىيونىڭ تاقىلىدىغانلىق خەۋىرى ئوتتۇروغا چىققاندىن كېيىن كوپلىگەن دوستلىرىمىز، بۇ مەسىلىگە كۆڭۇل بولدى، رادىيونىڭ ئاقىۋىتى، مىللىي ھەركىتىمىزگە تەسىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايااتىمىز ھەققىدە بىزدىن مەلۇمات سورىدى. شۇڭا بۇ تىمىدا شەخسىي تەسىراتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇيغۇن كوردۇم. .. ئەلۋەتتە […]
شۆھرەت ھوشۇر:خەيىر خوش، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى!

You May Like