ئۇيغۇر رادىئو تىلۋىزىيەسى، پىدائىيلار ئىكرانى، قىرىنداشلىق سىتودىيوسى ھەمكارلاشتى

گوللاندىيەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر رادىئو-تېلېۋىزىيىسى»، «پىدائىيلار ئېكرانى» ۋە «قېرىنداشلىق ستۇدىيىسى» قاتارلىق ئۈچ تاراتقۇ ئۇيغۇر تەشۋىقاتچىلىقىدا تېخىمۇ ئىتىىپاقلىشىپ ئىلگىرلەش، تىخىمۇ كۈچلىنىشنى مەقسەد قىلىپ ئۇيغۇر تەشۋىقات پىروگرامچىلىقىدا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-10-1

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

 

  گوللاندىيەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر رادىئو-تېلېۋىزىيىسى»، «پىدائىيلار ئېكرانى» ۋە «قېرىنداشلىق ستۇدىيىسى» قاتارلىق ئۈچ تاراتقۇ ئۇيغۇر تەشۋىقاتچىلىقىدا تېخىمۇ ئىتىىپاقلىشىپ ئىلگىرلەش،  تىخىمۇ كۈچلىنىشنى مەقسەد قىلىپ ئۇيغۇر تەشۋىقات پىروگرامچىلىقىدا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى. «ئۇيغۇر قېرىنداشلىق ستۇدىيىسى» مەسئۇلى ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇسالام نىياز باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر رادىئو تىلۋىزىيەسى، ئەخمەتجان مەسئۇللۇقىدىكى پىدائىي ئىكرانى، ھۈسەيىن تەجەللىي مەسئۇللۇقىدىكى قىرىنداشلىق سىتودىيوسى ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، يىڭى ئاينىڭ بىرىنجى كۈنىدىن ئىتىبارەن بىر گەۋدە بولۇپ خىزمەت قىلدىكەن! ئابدۇسالام نىياز:« بىز مىدىيا ئىشلىرىدا ئىزچىللىق ۋە كەسىپچانلىقنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلىپ مىڭىۋاتىمىز، رادىيورىمىز قىرىنداشلىق ئىستودىيوسى ۋە پىدائىيلار ئىكرانى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالەتتە ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان مۇستەقىل بىر كەسپىيلەشكەن مىدىيا قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە كۆپ مەسلىھەتلەشتۇق. ئۆكتەبىردىن باشلاپ پىروگراممىلىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر-رادىئو تىلۋىزىيەسى نامىدا بىر تۇتاش تارقىتىشنى قارار قىلدۇق. 1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ پىروگراممىلىرىمىز ئۇيغۇر رادىئو-تىلۋىزىيەسى قانىلىدا بىر تۇتاش چىقىشقا باشلايدۇ. ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن ئەتراپىمىزدىكى بارلىق كەسپىي خادىملارنى بىريەرگە جەملەپ بىرگە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق» دېدى. گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق بۇ ئۈچ چوڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ئۇنىۋىرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش، جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بىرىش، سىياسىي تەھلىللەر، ۋەتەن ۋەزىيىتى توغرىسىدا ۋاقتىدا نەق مەيدان پىروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلققە مەنپەئەتلىك خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدى. مانا بۈگۈن خەلقىمىزنىڭ ئارزۇسى ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۈچ مىدىيانىڭ ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىلان قىلغان ئۇشبۇ دەقىقىدە، ئاگىنتلىقىمىز نامىدىن ئۇيغۇر مىدىيا ساھەسىدىكى بۇ ئۈچ چوڭ چولپان تاراتقۇلارنىڭ  بىرلەشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!  ئۇلارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل، مۇنتىزىم، مۇستەقىل ۋە مۇنەۋۋەر بىر قانال بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز! ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 2019-10-1

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تۈركىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

چا ئۆكتەبىر 2 , 2019
2019_10_1_كۈنى ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 70 _يىلى ، ئىستانبۇل زەيتۇن بۇرۇنۇ ۋە سەفا كۆيلەردىن ئەتىگەندىلا يولغا چىققان نەچچە ئونلىغان ئاپتۇبۇسلار ئىستانبول تارابىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسغا قاراپ يولغا چىقتى.

You May Like