ئۇيغۇر قىزلار ختتاي زاۋۇتلىرىدا جىنسى قۇلغا ئايلاندۇرۇلماقتا

تاپشۇرۇۋالغان خەۋەر قانچىلىك ئاچچىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقكە ئورتاقلىشىش -خەلق ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مېدىيانىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئ‍ان

 

2019-يىلى 18-ئۆكتەبىر

 

تاپشۇرۇۋالغان خەۋەر قانچىلىك ئاچچىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقكە ئورتاقلىشىش -خەلق ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مېدىيانىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.

 

2018—يىلدىن 2019-يىلغىچە، جەنۇبتىن كەم بولغاندا بەش يۈز مىڭدىن ئارتۇق ياش، كۆپ قسىمى قىز-ئاياللار، ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىرىگە يوللاش سىياسىتى بويىچە، ختتايلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن. بۇ ياشلار ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن.

 

ئۇلار جېجياڭ، جياڭسۇ، خېنەن، خېبېي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكە- شەھەرلەرگە يۆتكەلگەن .

 

نورمالدا 14 سائەتلەپ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، 24 سائەت ھەرىكىتى، سۆزى كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە ختتاي ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغان. ئادەتتە سىرتلارغا يالغۇز ياكى نازارەتچىسىز چېقىشقا يول قويۇلمىغان.

 

ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ختتايلار مەسئۇل بولۇپ، ئازراق تېخنىكا ئۆگەتكەندىن كىيىنلا، مەجبۇرى ئ‍ىشقا سالغان. كۆپ قىسمى تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولمىغان ئ‍ىشلار بولۇپ، ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق، ئويۇنچۇق ساھەسىدىكى ئ‍ىشلار ئىكەن.

 

ئۇلارنىڭ تامىقى ياخشى ئەمەس بولۇپ، كېسەل ۋە ئاغرىق سىلاقلار كۆپ بولغان. ئاغرىپ قالغان نۇرغۇن قىزلار ئېلىپ چېقىپ كېتىلگەندىن كىيىن يوقاپ كەتكەن.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەتەندىن كەلگەن مەخپى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن قىز-ئاياللار جىنسى قۇلغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ختتاي خوجايىنلار ۋە باشقۇرغۇچىلار خالىغان قىزنى خالىغان چاغدا ئىلىپ چېقىپ، جىنسى ئالاقىگە مەجبۇرلىغان. ئىچىدىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرنى ھېچكىمگە دېيەلمىگەن بولسىمۇ، بەزى قىزلار ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفۇن قىلغاندا، «نېمە كۆرسەم مەيلى» دەپ  ئوچۇق ئېيتقان. ھازىرغىچە سانى ئېنىق بولمىسىمۇ،  بۇ خورلۇققا چىدىمىغان، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان قىزلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ قىزلار ھايات ساقلاش ئۈچۈن بۇ خورلۇققا كۆنگەن.

 

بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى جەزىملەشتۇرىدىغان ئوخشاش ھېكايىلەر ئەركىن ئ‍ازات قازاق دوستىمىزغا ئۈرۈمچىدىكى ئۇلانباي لاگىرىدىن كەلگەن ئۇچۇرلار بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ختتاي ساقچىلىرىنىڭ چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

 

ئۇنىڭدىن باشقا سايراگۈل ساۋۇت ئ‍سرائىلىيەنىڭ ھارەتىز گېزىتىگە بەرگەن زىيارىتىدە :« قىيناش ۋە باسقۇنچىلىق دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بىر قېتىم ئۇلار بىر قىزغا باشقا مەھبۇسلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ باسقۇنچىلىق قىلدى، مەقسىتى مەھبۇسلاردا ئۆزگىرىش بولدىمۇ-يوق، يەنى مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھېسسىي ئۆزگىرىش بولامدۇ-يوق، دېگەننى سىناش ئىدى.» دېگەن.

 

17-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» دېگەن تېمىدا ئىسپات ئاڭلاش يېغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز، ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق پائالىيەتچىسى نۇرى تۈركەل ۋە باشقا ئىككى نەپەر تەتقىقاتچى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئ‍سپات بېرىپ :«ختتاي ئەرزان ۋە ھەقسىز ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئ‍ىشلىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان مەھسۇلات ئ‍شلەپچىقرىش ئەۋزەللىكى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىغا خىرس قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئەڭ ۋەھشى مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا.» دېدى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تاپشۇرۇۋالغان خەۋەردە، ختتاي ئ‍ىشچى قىزلارنى جىنسى قۇلغا ئايلاندۇرغاندىن باشقا، سىرتقا جىنسى مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى مەلۇم.

 

ئىلگىرى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىدا، ختتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى لاگىرلاردا ئۇيغۇر قىزلىرىنى سىرتقا جىنسى مۇلازىمەت تەمىنلەشكە قىستىغانلىقىغا ئائىت ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ختتاي ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى ئاشكارا ھالدا ختتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر دۇنيا مىقياسىدا كەڭرى تارقالغانىدى.

 

بۇ ۋەقە مېدىيا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىغا سازاۋەر بولۇشقا تېگىشلىك ھادىسە بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە پاكىتلارنى جىددى توپلىماقتا. بەلكىم بۇ ختتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دۇنياغا يايىدىغان ئەڭ قەبىھ جىنايتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامىستىردام مەيدانىدا ئىستىقلال كۈنىمىزنى خاتىرەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى

دۈ ئۆكتەبىر 21 , 2019
يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن چەتئەلىكلەرنىڭ ئەڭ دىققىتنى تارتقان مەسلە خىتاي تاجاۋۇزچلىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قېرغىنچىلقىدىن بىلەن بىرگە مۇقەددەس زىمىنىمىزنىڭ ختايلار تەرپىدىن بېسۋېلنىپ مۇستەملىكى نامى چىقىپ تۇردىغان شىنجاڭ دىگەن زىمىنغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى دەلىل-ئىسپاتلىق خەرىتىلەر بىلەن قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش مۇھىم.

You May Like