ئۇيغۇر قىزى ئىرادە قەشقەرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياشلار يىغىنىدا دوكلات بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياشلار مۇنبىرى «2030-يىلى ياشلار»تېمىسدىكى ياشلارنى قوللاش،ياشلارنى ئارىغا ئىلىش،ياشلارنىڭ باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يېغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ئاپرىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى نيۇيورك شەھرىدە ئۆتكۇزۇلدى.

ئۇيغۇر قىزى ئىرادە قەشقەرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياشلار يىغىنىدا دوكلات بەردى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ،نيۇيورك،2019-يىلى 8-ئاپرىل

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياشلار مۇنبىرى «2030-يىلى ياشلار»تېمىسدىكى ياشلارنى قوللاش،ياشلارنى ئارىغا ئىلىش،ياشلارنىڭ باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يېغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ئاپرىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى نيۇيورك شەھرىدە ئۆتكۇزۇلدى.

كۆرۇش ئادىرسى:

http://webtv.un.org/live-now/watch/2019-ecosoc-youth-forum-8-9-april-youth-empowered-included-and-equal-youth2030-opening-session-and-1st-plenary-session/5701483172001

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، منستىرلار ۋە كۆزگە كۆرۇنگەن ياشلاردىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر يېغىندا ياشلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەر،قىينچىلىقلارنى ئاڭلىتىشمۇ مۇھىم تىېما بولۇپ،ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قېزى ،ۋىرگىنىيە ئانا تىل مەكتىۋى قۇرغۇچىسى ئىرادە قەشقەرى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى،ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان مەسللىرى،قېينچىلىقلار،ياشلارنىڭ،بالىلارنىڭ ئاسسلماتسيەگە،مەجبۇرى ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلىش،ئانا تىلى ۋە مەدەنىيتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشى قاتارلىق تېمىلاردا تەپسلى دوكلات بەردى ۋە يېغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ياشلىرى،پەرزەنتلىرى دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بۇ ئىرادە قەشقەرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى ئارقىمۇ -ئارقا ئىلىپ بىرىۋاتقان نۇرغۇن ئىلمى لېكسيە بىرىش،مۇخبىرلارغا سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قسمىدىن ئىبارەت.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ۋاشنگىتوندا «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى»نامايىشى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى.

سە ئاپرېل 9 , 2019
بۇ نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ،ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پىروجېكتى،ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى،بىرما قۇتقۇزۇش گۇرۇپىسى ،كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتى قاتارلىقلار ھەمكارلىشپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ،1000غا يېقىن كىشى قاتناشتى.نامايىشقا ۋاشنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلەر،كانادا ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپ قاتناشتى.

You May Like