ئۇيغۇر قىزى ئايدىن ئەنۋەرنىڭ ئىنگلىزچە نۇتۇقى 12 مىليون قېتىم كۆرۈلۈپ رېكورت ياراتتى

يېڭى تاراتقۇ «مانا ھازىر» سىياسىي ئاخبارات قانىلى 7-دېكابىر ئۇيغۇر قىزى ئايدىن ئەنۋەر سۆزلىگەن تۆت يىرىم مىنۇتلۇق قسقا سىن خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر قانالنىڭ فايىسبۇك، تىۋىتتىر، ئىنتسىگرام قاتارلىق قاناللىرىدا كۆرگۈچىلەر، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بولۇپ، كۆرۈلۈش قېتىم سانى 12 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ھازىرغىچە تارقاتقان ئادەملەر سانى 260 مىڭدىن ئاشقان، ئىنكاس سانى نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئاخبارات قانىلى ساھەسىدىمۇ مۇھىم رېكورت بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-12

 

يېڭى تاراتقۇ «مانا ھازىر» سىياسىي ئاخبارات قانىلى 7-دېكابىر ئۇيغۇر قىزى ئايدىن ئەنۋەر سۆزلىگەن تۆت يىرىم مىنۇتلۇق قسقا سىن خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر قانالنىڭ فايىسبۇك، تىۋىتتىر، ئىنتسىگرام قاتارلىق قاناللىرىدا كۆرگۈچىلەر، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بولۇپ، كۆرۈلۈش قېتىم سانى 12 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ھازىرغىچە تارقاتقان ئادەملەر سانى 260 مىڭدىن ئاشقان، ئىنكاس سانى نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئاخبارات قانىلى ساھەسىدىمۇ مۇھىم رېكورت بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

مەزكۇر سىندا ئامېرىكا دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلقئارا سېلىشتۇرما پەنلەر ئىلمى ئوقۇغۇچىسى ئايدىن ئەنۋەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇتۇشتۇرغان بولۇپ، لاگىرلار مەسىلىسى، لاگىرلارغا قامىلىش سەۋەبى، قامالغانلارنىڭ ئەھۋالى،  مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، كىچىك بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر،  خىتاينىڭ ئاخباراتنى تىزگىنلىشى، نازارەت سىستېمىسى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئسىم ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىش، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىش قاتارلىقلارنى تەپسلىي تونۇشتۇرغان

ئايدىن سۆزىدە دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيانى ۋەزىيەتنى تولۇق چۇشىنىشكە، خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۇشكە چاقىرىق قىلغان.

بۇ سىن مەركۇز قانالنىڭ فايىسبۇك ئورگان بېتىدىلا مۇشۇ ماقالە ئېلان قىلىنغۇچە ئون مىليون 900 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن سىن ھېسابلىنىدۇ.

بۇ سىن مەزكۇر ئورگاننىڭ باشقا ئىجتىمائى تاراتقۇ بەتلىرىدە كۆرۈلگەندىن باشقا، يەنە باشقا قاناللارمۇ كۆچۈرۈپ تارقاتقان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەخمىنەن پەرەز قىلىشىچە، مەزكۇر سىن كۆچۈرۈلمە، تاراتما نۇسخىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، تۆت كۈن ئىچىدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى  ئاللىقاچان 20 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، كەلگۈسى ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە 50 مىليون ئەتراپىدا كۆرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئاساسلىق ئادرېسى:

https://www.facebook.com/NowThisPolitics/videos/365464577544183?sfns=1

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدىنتى تىرامپقا يازغان خېتى

پە دېكابىر 13 , 2018
ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ب د ت يىغىنىدىكى نۇتۇقىڭىزدىنمۇ، شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز بىزنى-ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىراز ئۈمىدسىزلەندۈردى ۋە ئەندىشىگە سالماقتا.

You May Like