مۇرات ئەپەندى يەنىلا «يۇلغۇن» قىزارغان دالىنى يېپىنچا قىلدى

مۇرات ئەپەندى يەنىلا «يۇلغۇن» قىزارغان دالىنى يېپىنچا قىلدى

نەبىجان تۇرسۇن

 ئۇلۇغ شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر  قەھرىمان ئەجدادلارنىڭ ئىزلىرىنى يۇلغۇن قىزارغان دالىلاردىن ئىزدەشنى ۋەسىيەت قىلغانىدى. ۋەتەننىڭ يۇلغۇن قىزارغان دالالىرىنى يىرىتقۇچلار قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن  ئەنە شۇ يۇلغۇن قىزارغان دالىلارنى ئارقىدا تاشلاپ، ئۆز ھاياتىنى مۇھاجىرەتكە تەقدىم قىلغان مۇرات ئەپەندى  يەنىلا    تەكلىماكاننىڭ بىباھا يەر ئاستى گۆھەرلىرىدىن  تاۋلىنىپ ھاياتلىققا قىشى-ياز  يالقۇنى ئاتا قىلىپ تۇرىدىغان يۇلغۇنلىرى بىلەن ئىلى ۋادىلىرىنىڭ ھەرۋاقىت گۈل چېچەك ھىدلىرى ئاتا قىلىدىغان يېشىل بوستانلىقلىرى گىرەلەشكەندەك تۇيغۇ بېرەلەيدىغان  گۈزەل ۋىرگىنىيەنىڭ  تۇپراقلىرىغا دەپنە قىلىندى.  كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋەتەن تۇپراقلىرى بولمسىمۇ،  لېكىن روھىي جەھەتتىن ئۇ يەنىلا « يۇلغۇن قىزارغان دالا» ئىدى.

22-مارت كۈنى ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار مۇرات ئەپەندىنى ئاخىرەتكە ئۇزاتتى.   ئېسىل ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، ئېسىل ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ، يۇقىرى ئىش ھەقلىرى بىلەن تولغان بانكا ھېسابلىرىدىن ئەركىن بەھرىمەن بولالايدىغان  ئۇيغۇرلار مۇرات ئەپەندىنى ئەنە شۇ تۇپراققا تەقدىم قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاخىرى ئوخشاشلا  ئاشۇ ئىككى مېتىر يەر ئاستىغا كىرىدىغانلىقى،   بۇ ئالەمدىكى ھاياتلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇ ئالەمدە ئاللانىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقلىرىنى  يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئېلىشتى. دېمەك مۇرات ئەپەندى  كىشىلەرگە ئاخىرقى چاقچىقىنى ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى دەرسىنى بېرىپ كېتىپ قالدى!

مەن «مۇرات ئەپەندى» دەپ ئاتىغان بۇ زات دىلمۇرات قۇربان، ئۇ  خەلق قەھرىمانىمۇ ئەمەس،  ياكى داھىيمۇ ئەمەس ۋە ياكى پالانچى تەشكىلات، پوكۇنچى ئورۇننىڭ رەئىسىمۇ ئەمەس! ئۇ ئاددىي بىر ئىنسان، ئاددىي بىر ئەخلاق-پەزىلەتلىك، كۆڭلى دەريادەك، قەلبى سۈزۈك سۇدەك پاكىز، كىشىلەرگە خۇشاللىق، بىر دەقىقە  بولسىمۇ شاتلىق بېرەي دەيدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىغا قارىغاندا ئومۇمنىڭ، جامائەتنىڭ، خەلقنىڭ ئىشىغا ھەر زامان پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئىنسان ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ كۆك بايراق لەپىلدىگەن  يەردە ئەڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان « ئەسكەر» ئىدىكى، « گېنېراللىق» شان-شەرىپىگە مەسخۇش ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇڭا ئۇنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلغاندا، ئۇنى  تۇپراققا بەرگەندە  ھەممە ئادەمنىڭ كۆزلىرى نەملەندى! ھەممە ئادەم  ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل چېھرى بىلەن ھەر زامان  ھەممىگە دوست، پىداكارانە ۋە جەڭگىۋار يۈگۈرۈپ يۈرۈشلىرىنى ئەسلىدى، ھەممە ئادەم ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت تىلەپ بىردەك ھالدا قوللىرىنى تەڭ دۇئاغا كۆتۈردى!

1959-يىلى،  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار بىر جەمەتتە دۇنياغا كەلگەن مۇرات  تىرىشچانلىقى ۋە تەبىئىي تالانتى بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ سەنئەت ئورنى بولغان  ئۈرۈمچىدىكى  ناخشا-ئۇسۇل ۋە ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي سەھنە لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ يېتىشكەنىدى.  مۇرات ئەپەندى 1980-1990-يىللاردا مەزكۇر ئۆمەكنىڭ يېتەكچى سەھنە لايىھەلىگۈچىسى سۈپىتىدە « غېرىپ –سەنەم»، « چىنمودەن» ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ئوپېرا ۋە دراممىلارنىڭ  شۇنىڭدەك كۆپلىگەن سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ سەھنە لايىھەسى ۋە سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقانىدى.   مۇرات ئەپەندى كۆپ قېتىم پۈتۈن ئۇيغۇر ناھىيە-شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ ھەتتا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىپ پۈتۈن  كونسېرتلارنىڭ  سەھنە ئىشلىرىغا  يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ، مىللىتىمىزنىڭ دەسلەپكى قابىل بىر سەھنە لايىھەلىگۈچىلىرىدىن بىرى ئىدى.

 مۇرات ئەپەندى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۇنجىلاردىن بولۇپ ئۈرۈمچىدە « يۇلغۇن» رېستورانىنى ئاچتى. ھەتتا ئۇ  بۇ رېستورانغا « يۇلغۇن» نامىنى بېرىش مەسىلىسىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە باشقا داڭلىق زىيالىيلار، ئەدىبلەرگە مۇراجىئەت قىلغانىدى. ئاخىرى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ « ئىز» شېئىرىدىكى ئاشۇ « يۇلغۇن قىزارغان دالا» مىسرالىرى بويىچە بۇ ئورۇنغا « يۇلغۇن» نامىنى بەرگەنىدى. « يۇلغۇن» ئۈرۈمچىدىكى  ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، ئىمىن تۇرسۇن، زوردۇن سابىر ۋە باشقا يۈزلىگەن نامى خەلقىمىزگە تونۇلغان ۋە خەلقىمىز سۆيگەن ئەربابلارنىڭ، شائىرلارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ قەدەملىرى تەگكەن، سۆھبەتلىرى بولغان جايغا ئايلاندى.  ئۇ ۋاقتىدىكى ياش، جەڭگىۋار مۇرات ئەنە شۇنداق زىيالىيلارنىڭ،  شائىر، يازغۇچىلارنىڭ، سەنئەتكار  ۋە ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ دوستى ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ دوستى ئىدى!

مەن مۇرات ئەپەندىنى ئەنە شۇ 1995-يىللاردا بىلگەن، ئەمما تونۇشمىغانىدىم.  مەن  ئاخىرقى قېتىم 1996-يىلى ئاشۇ « يۇلغۇن» دا بىر قىسىم ئاتاقلىق، پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىز ۋە ھازىر تۈرمە –لاگېرلاردا يېتىۋاتقان بەزى دوستلىرىم بىلەن  بىرگە سۆھبەتلەردە بولغانىدىم. 

 مۇرات ئەپەندى بىلەن   ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن تونۇشتۇم.  ئۇ مېنى كۆرسە ئەڭ تاتلىق سۆزلەر بىلەن چاقچاق قىلاتتى. ئۇنىڭ چاقچاقلىرى قەستەن ئادەم كۈلدۈرىدىغان ئەمەس، ئادەمگە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىغان، ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان چاقچاقلار ئىدى.

مەن ئۇنى مۇرات ئەپەندى دەيتتىم.  مۇرات ئەپەندىنىڭ مېنىڭدە قالدۇرغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىرى شۇ بولدىكى، بەلكى  بۇ ئەبەدىي ئۇنتۇلماس ھەم شۇنىڭدەك باشقا ھەر قانداق ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ سانايدىغان ئادەملەرگە ئورتاق بولسا كېرەك.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا  مېنىڭ «  ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ئەسىرىمنى نەشردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋىرگىنىيەدىكى بىر گۇرۇپپا مىللەتپەرۋەر دوستلىرىم مەخسۇس ئۇيۇشۇپ  بۇ كۆپ توملۇق ئەسەرنى تېزرەك يورۇققا چىقىرىش  ئۈچۈن پائالىيەت  باشلىدى. مۇرات ئەپەندى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھاياجان بىلەن « مەن كىتاب ئوقۇمايمەن، لېكىن سىزنىڭ كىتابىڭىزنى ئوقۇيمەن، ئۆزۈم ئوقۇمىسام ئىككى ئوغلۇمغا ئوقىتىمەن، ئۇلار سىزنىڭ كىتابىڭىزنى مەڭگۈ خاتىرە سۈپىتىدە كەلگۈسى ئۈچۈن ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرنىڭ تارىخى،  بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تارىخى» دېدى. مۇرات ئەپەندى بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە دائىم ئۆز پىكىرلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى بېرىپ تۇردى.

ھەتتا كىتابنى ئالدىن تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچى سۈپىتىدە تېخى چىقمىغان كىتابنى مەردلىك بىلەن سېتىۋېلىپ، قوللاش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.  « ئۇيغۇر تارىخى» نىڭ ھەر بىر تومى نەشردىن چىقىپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندە، مۇرات ئەپەندى  ئىككى ئوغلى ئۈچۈن ھەر بىر كىتابقا مەخسۇس شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ ئىمزا قويدۇراتتى ۋە «  سىزنىڭ 13 توملۇق ئۇيغۇر تارىخى كىتابىڭىز  ئىككى ئوغلۇمغا ئەبەدىي ھەمراھ بولىدۇ. ئۇلار مۇشۇ كىتابنى ئوقۇپ ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان ئوغلانلار بولىدۇ، بىز قاچانغىچە باشقىلار يېزىپ بەرگەننى ئوقۇيمىز؟ مانا ئەمدى ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز ئوقۇيمىز» دەيتتى. ئاخىرقى قېتىم 2021- يىلى  يازدا ۋە  كۈزدە  ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئىككى كىتابقا ئىمزا قويۇپ ئۇنىڭغا بەرگىنىمدە ئۇ يەنە شۇ ئوخشاش سۆزلىرىنى تەكرارلىغانىدى.

مەن ھازىرغىچە ھاياتىمدا   « مەن كىتاب ئوقۇمايمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر تارىخى كىتابىنى ئاكتىپ قوللىغان ۋە   كىتابقا  ئىككى ئوغلىنىڭ نامىنى ئاتاپ ئىمزا قويدۇرۇپ  ئۇلارغا تەقدىم قىلغان  پەقەت مۇرات ئەپەندىنىلا كۆردۈم، ئۇنىڭدىن باشقا  مۇنداق « كىتاب ئوقۇمايدىغان» لارنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم.

مۇرات ئەپەندى ھەر ۋاقىت ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرەتتى، ئۇ ماڭىلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر كىشىگە چىن سەمىمىي، گۈزەل تيغۇلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ بار يەر شۇزامان جانلىناتتى.  ئۇ  ئۇيغۇرلار ئارا، ئادەملەر ئارا دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنىڭ سىمۋولى ئىدى! ئۇ ياردەم سۆيەر ئىدى! ھەرقانداق شەخسىي، دوستلار ئارا، ياكى جامائەت پائالىيەتلىرىدە ئۆز ياردىمىنى، ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشقا ئالدىرايتتى ۋە  تەييار ئىدى.

مۇرات ئەپەندى ياخشى ئادەملىكنىڭ  ئۈلگىسى ئىدى!  ئەسلى ئۇيغۇرلاردا، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئەنە شۇ مۇرات ئەپەندىدە بار « ياخشى ئادەملىك» خىسلەتلىرى ئورتاق پىسخىكىغا ئايلانغان بولسا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى بەلكى تولىمۇ پارلاق بولغان بولار ئىدى-ھە؟!

 مۇرات ئەپەندىگە ئاللاھتىن  جەننەت تىلەيمەن. روھىنىڭ شات بولۇشىنى، ئۇنىڭ نۇر ئىچىدە يېتىشىنى تىلەيمەن.! ئائىلىسىگە، ئەنە شۇ ئىككى ياراملىق ئوغلىغا سەبر تىلەيمەن!

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ۋەتەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: ئاياللىرىمىزنى چوقۇم قەدىرلىشمىز كىرەك.

سە مارت 29 , 2022
ئائىلە ۋە ئەرلىك مەسئۇلىيەت ھەققىدە سۆز قىلىشتىن بۇرۇن: مەن ئۆزۈمنى ھەر قانداق ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئىجتمائى ئۆلچەملەردە باشقىلارغا ئۈلگە ياكى نەمۇنىلىك بىرى دەپ قارىمايمەن، ئەمما توغرا بىلگەن قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلىشش بۇرچىمىزدۇر دەپ ئويلايمەن،مەزكۇر ماقالە كۆپچىلىك ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ھەققىدىكى قاراشلىرىدۇر.

You May Like