ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىدىكى ئاساسلىق نۇقتىلار

3- دىكابىر، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن زور غەلبىگە ئىرىشىپ، قانۇن بولۇپ يۈرگۈزۈلۈشكە ساناقلىقلا كۈن قالدى. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىدە نېمىلەر دىيىلگەن ؟ تۆۋەندە يىغىنچاق مەزمۇنىنى سۇندۇق.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-12-4

 

ئەردەم

 

 

 

3- دىكابىر، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن زور غەلبىگە ئىرىشىپ، قانۇن بولۇپ يۈرگۈزۈلۈشكە ساناقلىقلا كۈن قالدى. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىدە نېمىلەر دىيىلگەن ؟ تۆۋەندە يىغىنچاق مەزمۇنىنى سۇندۇق.

 

مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىدە يىزىلىشىچە: خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ۋەتىنىمىزدىكى تۈركىي خەلقلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ، خورلاپ، نازارەت ۋە چەكلىمە ئىچىگە ئىلىپ ، دۇنيا كىشلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارنى ئېغىر دەپسەندە قىلغان. ئاندىن خىتاينىڭ يىقىنقى 5 يىل ئىچىدە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى 23 ماددا بولۇپ بىرمۇ- بىر، ۋاقتى، ئورنى، گۇۋاھچىلىرى بىلەن بايان قىلىنغان.

 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى رەسمىي ئىمزالىنىپ ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن 180 كۈن ئىچىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار :

 

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى خاتالىقىنى تونۇپ، لاگىرنى تاقاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە چاقىرىش.

 

ب د ت كىشلىك ھوقۇق ئالىي خادىملىرى تىزدىن ۋەتىنىمىزگە توسالغۇسىز زىيارەتكە بىرىشقا رۇخسەت قىلىش. ئامرىكا ب د ت دا خىتاينى بۇ ھەقتە ئەيىبلەش.

 

ماگىنىسكى قانۇنىنى يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ، خىتاي كومپارتىيىسى ئەزالىرىغا، چىن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلارغا نىشانلىق ئىمبارگو يۈرگۈزۈش, جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش.

 

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ئارقىلىق، قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش جىنايەتلىرىگە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىش.

 

ئامرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئامرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ۋاكالەت ئورگانلىرىغا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىنلەشنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە چەكلەش. خىتاي ساقچى ئورگانلىرى ۋە بىرلىكسەپ ۋە شۇنىڭدەك لاگىر، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار ئورۇنلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش.

 

ئامرىكىدىكى ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتە قىلىش، ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش. ئۇلارغا تەھدىت سالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش.

 

ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئامرىكا شىركىتى ۋە شەخىس ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەرقانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ھالقىلىرى بىلەن ئالاقىسى بولماسلىقى كىرەك. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن ئاڭلىتىش ۋە بۇ جەرياندا تەھدىتكە قارشى قەيسەرلىكىنى تەقدىرلەش.

 

دۆلەت بىخەتەرلىك دوكىلاتى قىسمى: خىتاي نى مەزكۇر رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى مەخپى ۋە ئاشكارا دوكىلات تەييارلاپ، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرىنى باھالاش، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن مەجبۇرىي قايتۇرۇۋىتىلگەن لەرنىڭ سانى، خىتاينىڭ غايەت زور نازارەت سىستىمىسىدا قوللانغان تىخنىكا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى ، تارقىلىشى، لاگىرنى قۇرۇشقا قاتناشقان، تەمىنلىگەن ، ئۇچۇر توپلىغان بارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى دوكىلاتىنى ھازىرلاش.

 

ئىجتىمائىي دىپلوماتىيە دوكىلاتى : قانۇن ماقۇللىنىپ 120 كۈن ئىچىدە، خەلقئارا ئۇيغۇر جەمىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە كۆلىمى، ئۇچۇر ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىقلاردا تىخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زۆرۈر ياردەملەرنى تەمىنلەش.

 

ئەركىن ئاسىيا ۋە ئامرىكا ئاۋازى خادىملىرىغا تەھدىت سالغان ئەھۋاللار توغرىسىدا دوكىلات تەييارلاش.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقا ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ساختا تەشۋىقاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى ئامال بار سۇسلاشتۇرماقچى بولغان ھەرقانداق ھادىسە ۋە پائالىيەتلەر توغرىسىدا باھالاش دوكىلاتى ھازىرلاش.

 

قانۇن ماقۇللىنىپ، 180 كۈن ئىچىدە ھەمدە ھەر يىلى دۆلەت مەسئۇل بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا تۇتۇلغانلارنىڭ سانى، ئەھۋالى، لاگىرلارنىڭ سانى، ئورنى، شارائىتى، خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» ۋاستىلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلىي دوكىلات تەييارلاش. مەزكۇر مەجبۇرى ئەمگەكلەردىن مەنپەئەتلەنگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەييارلاش. خىتاينى بىدىكچىلىكتە ئۈچىنجى دەرىجىدىكى دۆلەت قاتارىغا چۈشۈرۈش.

 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نازارەت سىستىمىسى ۋە ۋاستىلىرى، مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالىنى باھالاش، ئۇنىڭغا قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تىخنىك خادىملارنىڭ تىزىمىكىنى تەييارلاش. ئامرىكا خىتاي ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلىرى بىلەن بۇ كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈزىتىشتە دىپلوماتىك رول ئويناش.

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

رابىيە خانىم: ئۇيغۇر پاجىئەسىگە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىق كۆرسەتكەن ئامرىكا ئاۋام پالاتاسىغا رەھمەت ئىيتىمەن!

چا دېكابىر 4 , 2019
بۈگۈن ئامرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىنىڭ تولۇقلانما نۇسخىسىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، ئامرىكا دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يالغۇز پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، نۆۋىتى كەلسە، جىنايەتچى ھەددىنى بىلمىسە تىگىشلىك تەدبىر قوللۇنۇش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ جاراڭلىق سىگنالىنى بەردى.

You May Like