ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 02-دېكابىر

يۈسۈپجان

ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى 11- ئاينىڭ 29-كۈنى  لوندون مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت مەركىزىدە برىتانىيە مۇسۇلمانلار  تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.  

يىغىندا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بوسنىيەنىڭ بۈيۈك برىتانىيەدىكى باش ئەلچىسى  Vania Filipovic بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەت رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەلكۈن يەنە يىغىندىن كېيىنكى زىياپەت داۋامىدا مالايسىيانىڭ بۈيۈك برىتانىيەدىكى ئالىي كومېسسارىغا مالايسىيادىكى بىر قانچە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر دۆلەتلەرگە كېتىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن برىتانىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى 2018-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى برىتانىيەلىكلەرگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ تراگېدىيەنى توختىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ھەمكارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئالاھىدە ئۇچۇرۇشۇش داۋامىدا، بۇنىڭدىن كېيىن بىرلىكتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە پىكىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىنغا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جەمئىيەت رەئىسى ماھىرە ئەيسا، جەمئىيەتنىڭ تەپتىشى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ۋە دىنىي ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇكېرىم زاھىرلار قاتناشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

لىتۋانىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى

جۈ دېكابىر 3 , 2021
لىتۋانىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى

You May Like