ئۇيغۇر ئاۋازى خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالىدا
ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى8-دېكابىر
ئۆز خەۋىرىمىز، ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى: ھەسەن ۋە ئىرپان ئىككىسىدىن تەشكىل تاپقان ئېلېكترونلۇق مۇزىكا ئەترىتى «ئاۋازسىز» (NONE SOUNDS) تەكلىپ بىلەن 10- ۋە 11- دېكابىر كۈنلىرى فىرانسىيەنىڭ غەڭىس (Rennes) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆلەمدىكى ئېلېكترونلۇق مۇزىكا فېستىۋالى(Trans Musicales) غا قاتناشماقچى. ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر فېستىۋال ئېلېكترونلۇق مۇزىكا ساھەسى Trans تۈرىدە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى شۇنداقلا كۆلىمى ئە چوڭ فېستىۋال بولۇپ، يىلىغا تەخمىنەن 100 مىڭغا يېقىن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن. يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ داڭق قازانغان ئېلېكترونلۇق مۇزىكا ساھەسىدىكى سەنئەتكارلار بۇ فېستىۋالغا تەكلىپ قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئىككى ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ئىكەن.
بۇ ئىككى ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيەدىكى مۇزىكا فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلىنىشى يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان فىرانسىيەدىكى خەۋەر مېدىئالىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە چەككەن. بىر قانچە خەۋەر قاناللىرى ئۇلار ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلەپ تارقاتقان. 8-دېكابىر «رادىئو فىرانسىيە» (radiofrance) بۇلار ھەققىدە: «بىز ئاۋازسىزلارغا ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز» دېگەن تېمىدا مەخسۇس رادىئو زىيارىتى ئېلىپ بارغان.
زىيارەتتە ئىككى ياشنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان. ھەسەن مۇخبىرغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: « سىز بەلكىم بىر سېكۇنتقا بارمىغان ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى «مەن فىرانسۇز» دەپ تونۇشتۇرالايسىز، ئاڭلىغان ئادەممۇ ھامان سىزنى چۈشىنىدۇ. ئەمما مەنچۇ؟ مەن ئۆزۈمنى خىتاي دەپ تونۇشتۇرامدىم؟ ياق، چۈنكى مەن خىتايغا ئەسلا ئوخشىمايمەن! ئۇلار بىزنىڭ تۇپرىقىمىزنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدۇ، بۇنى تەرجىمە قىلساق «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنە چىقىدۇ، بۇ بىزنىڭ نامىمىز ئەمەس! بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى يوقىتىۋاتىلىۋاتىدۇ، ئۇنتۇلىۋاتىدۇ.»
ھەسەن بىلەن ئىرپان مۇخبىرغا مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن « ئاۋازسىز» دەپ نام قويغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرگە ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى، يەنە تېخى نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇر دېگەن نامنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلار بۇ ئىسىمنى تاللاپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
زىيارەت ئاخىرىدا ھەسەن ئۆز يىغىسىنى تۇتالماي مۇنداق دېگەن: « مېنىڭ يىغلىغۇم كەلدى، چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ ئىسىملىرى ئارقىسىغا ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يېزىلغان، ئەمما بىزنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمىز يوق. لېكىن مېنى خۇش قىلغىنى ئۇ يەرگە ئۇيغۇر دەپ يېزىلغان ئىدى…»