ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى: خىتاينىڭ ئولىمپىك يېغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى دۇنيانىڭ نومۇسسز، غەرپنىڭ يارىماسلىقىنى كۆرستىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى: خىتاينىڭ ئولىمپىك يېغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى دۇنيانىڭ نومۇسسز، غەرپنىڭ يارىماسلىقىنى كۆرستىدۇ

 

 

بۈگۈن 2022-يىلى 4-فېۋرال تاجاۋۇزچىلىق  ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى گەدىنىگە ئارتىلغان ختتاي دۆلىتى-بېيجىڭدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا ھەيۋەتلىك ئولىمپىك يېغىنى ئۆتكۈزمەكتە.

تەشكىلاتلار ۋە مىديالارنىڭ چاقىرىشلىرىغا قارىماستىن، ئولىمپىك داۋاملاشماقتا .

ختتاي بۇ يېغىن ئارقىلىق ئاتالمىش ختتاي مەدەنىيتنىڭ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ، ئېقتسادىنىڭ قالتس ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ لىدىرى ئىكەنلىكىنى  دۇنياغا جاكارلىماقتا.

گەرچە ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق ئون نەچچە غەرپ دۆلىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ختتاي بېجىڭ ئولېمپىكنى دىپلوماتىك بايكوت قىلغان بولسمۇ،  ئەمما ئولىمپىكنى بېجىڭدىن يۆتكەش، ئۇنداق قىلالمىسا ئولىمپىكنى مۇتلەق بايكوت قىلىپ تەنھەرىكەتچىلەرنى بېيجىڭغا ئەۋەتمەسلىك، غەرپ شركەتلىرىنى ئولىمپىكنى ئېقتسادى جەھەتتە قوللىماسلىق، تېلىۋىزىيە قاناللىرىدا مەزكۇر مۇسابىقىنى تارقاتماسلىق، باشقا دۆلەت باشلىقلىرى ب د ت باشلىقلىرىنىڭ بېرشنى توسۇش قاتارلىقلارنى   ئىشقا ئاشۇرالمىدى.

 

 ئەكسچە، ب د ت باش كاتىۋى گاتتىرىس ۋە ئولىمپىك كومېتىتى رەئىسى باخ بىردەك ختتاينى قوللاپ دۇنيانى ختتاي ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشقا چاقىردى، ئامېرىكا ۋە غەرپنى ئولىمپىكنى تەنقىت قىلىپ ئولىمپكنى سياسيلاشتۇرماسلىىقا چاقىردى. 

جاللات شى ۋە قاتىل پۇتىن بېيجىڭدا بىرگە ئولتۇرۇپ غەرپكە تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياغا بىردەك ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قەسەم ئىچىتى.

دۇنيا-5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، پۈتۈن بىر مىللەت قىرغىن قىلىنىۋاتقان بىر چاغدا دۇنيا بېجىڭنىڭ تەنتەربىيەسى ئۈچۈن تەنتەنە قىلماقتا.

بىز ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ختتاينىڭ بېجىڭ 2022-يىللىق قشلىق ئولىمپىك يېغىنىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ختتاينى ھىچقانداق ئەيىپلىمەستىن قاتناشقان ھەر قانداق دۆلەت،تەشكىلات، شركەت، شەخسلەرگە شۇنى دەيمىز: سلەر 21-ئەسردىكى ئەڭ نومۇسسز كىشلەر! سلەرنى مىلىيونلىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۇنۇتمايدۇ.

سلەرنى تارىخ ئۇنۇتمايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا مىليونلىغان خىتايدا ئىشلەنگەن ۋىرۇس تەكشۈرگۈچنى ئەۋەتمەكتە

سە فېۋرال 8 , 2022
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا مىليونلىغان خىتايدا ئىشلەنگەن ۋىرۇس تەكشۈرگۈچنى ئەۋەتمەكتە

You May Like