ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرى ھەققىدە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرى ھەققىدە

 بۇلاڭچىلىق خاتا بىر ھەرىكەت

ئۇيغۇرلار چەتئەلدە بۇلاڭچىلىق بىلەن نامى چىقسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى دېمەيلى، ۋەتەن -مىللەت كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق سەلبىي ۋە زىيانلىق تەسىرى كېلىدۇ؟

مانا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ سادىر قىلغان بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى خەلقئارا مىدىيا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا بولدى،بۇلاردىن ئىككىسى بىرى تۈركىيەدە ۋە بىرى بېلگىيەدە يۈز بەردى.

ئەگەر بۇ بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىنمىسا، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى زىيانغا ئۇچراشنى ئاز دەپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ، بۇلاڭچىلىق بىلەن نامىمىز چىقىدۇ.خەلقئارا جامائەت ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلەت بىلەن قارشىلىشىپ ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بىز قوللانغان ئۇسۇل مەيلى ئۇ سىياسىي يول بولسۇن ياكى قوراللىق يول بولسۇن، خەلقئارا جەمئىيەتكە قارشى يول تۇتقاندا مىللەت زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئاگېنتلىقىمىز -بۇ خەۋەرنى بەرمەسلىكنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما سوتسىيال مىدىيالاردا بۇ ھەقتە كۆپ ماجىرالار ۋە سوقۇشۇشلار يۈز بەردى .بۇ سەۋەبتىن بىز ئەسلى ماقالىنىڭ تەرجىمىسىنى بەردۇق.ھېچكىمنىڭ، ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىسمى بېرىلمىدى.
ئاگېنتلىقىمىز داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى، ئوبرازى مەيدانىدا خەۋەر بېرىدۇ. بۇ خەۋەر سەۋەبلىك بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلىپ قالسۇنكى، بىز سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقى سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار ئەمەس. ئۇيغۇرنىڭ يولى -ياكى سىياسىي يول ياكى قوراللىق يول. ھەرگىزمۇ خەلقئارا بىلەن قارشىلىشىپ خىتاينىڭ خورىكىنى يوغىنىتىپ ئىتتىپاقداش تېپىپ بېرىدىغان، ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى يەرگە ئۇرىدىغان يول ئەمەس.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇدىرىيىتى

Uyghur Reporter

Next Post

خىتاينىڭ يېڭى شىنجاڭدا: ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھىتى، ساقچى ۋە تەشۋىقات

سە ئاۋغۇست 24 , 2021
خىتاينىڭ يېڭى شىنجاڭدا: ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھىتى، ساقچى ۋە تەشۋىقات

You May Like