ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى: يېڭى زىلاندىيىلىك قېرىنداشلار، بىز سىلەر بىلەن بىللە

پەرىشانلىققا تولغان بۇ دەملەردە، 15- مارت تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز،

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىيورا

پەرىشانلىققا تولغان بۇ دەملەردە، 15- مارت تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز، يارىلانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدىن، يېڭى زىللاندىيە دۆلىتى، جۈملىدىن كىرايىستچېرىچ شەھىرىدىكى  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلىرى، مۇسۇلمان جامائىتى ۋە بارلىق پۇقرالارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە دۇئالىرىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىلەر ئۈچۈن بىزنىڭمۇ يۈرەكلىرىمىز ئاغرىدى، سىلەرنىڭ ئازابىڭلارنى ھىس قىلالايمىز، بىز ئايرىلىش ئازابىنى بەكمۇ چۈشىنىمىز. چۈنكى، بىز ئۇيغۇرلار، زۇلۇم تۈپەيلى ئاتا-ئانىمىز، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە باللىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان بىر خەلق بىز. سىلەر دۈچ كەلگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى ھالدا بىزنىڭ سىلەر بىلەن بىر تەرەپتە ئىكەنلىكىمىزنى، تېرورلۇق ۋە باشقا ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىققا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. يېڭى زىللاندىيە خەلقى، بىز سىلەر بىلەن بىر سەپتە، چىدام ۋە ئىتتىپاقلىق سىلەرگە يار بولسۇن.

 

*كىيورا دىگەن سۆز يېڭى زىللاندىيىدىكى يەرلىك ماۋرى خەلقىنىڭ ياخشىمۇسىز دىگەن مەنىدىكى سالاملىشىش سۆزى. يەرلىك خەلققە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزسىدىن پارتىيە، ھۆكۈمەت يىغىنلىرى ۋە ئاممىۋى يىغىلىشلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئىشلىتىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇر بەكرى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەندى

يە مارت 17 , 2019
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك نازارەت قىلىش ھەيئىتى شەنبە كۈنى (3- ئاينىڭ 16- كۈنى) چۈشتىن كىيىن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە

You May Like