ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىدە يېڭى مەسئۇل سايلاندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2018-يىلى 5-مايدا ۋاشنگىتوندا قۇرۇلغان تاپاۋەتسىز ئورگان، 10 خىل تىل-يېزىقتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن بولۇش، ھەققانىي بولۇش، توغرا بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ شۇئارنى نىشان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى

كوررېكتور مەنزىل

ۋاشنگىتون، 2019-5-13

      ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2018-يىلى 5-مايدا ۋاشنگىتوندا قۇرۇلغان تاپاۋەتسىز ئورگان، 10 خىل تىل-يېزىقتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن بولۇش، ھەققانىي بولۇش، توغرا بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ شۇئارنى نىشان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇش، چەتئەلچە قاناللىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە چەتئەللىكلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش، يىتەرلىك ئىقتىسادىي ئاساس يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر سەۋەبىدىن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇرچە بۆلۈمنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، 12-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00دە ئېچىلغان تېلېفۇن يىغىنىدا ئۇيغۇرچە قانالدىكى بارلىق ھەيئەتلەر سايلام ئارقىلىق ئىككىنچى نۆۋەتلىك مەسئۇل سايلاپ چىقتى. يېڭى مەسئۇل-ئەنۋەر ئەردەم بولۇپ، ياۋروپادا تۇرىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلى، ئەرەب تىلى، خىتاي تىلى، ئىنگىلىز تىللىرىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەنۋەر ئەپەندى پىرىنسىپچان، دىندار، بىلىملىك ياش زىيالى بولۇپ، ئۇ ياراملىق زىيالىيلار بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، ئاخبارات ئارقىلىق مىللەت ئۈچۈن ھەقىقىي  خىزمەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. ئۆزىنىڭ يېڭىچە ئىسلاھات پىلانىنى پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئىگىللىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا تىل-قاناللىرىمۇ بىر-بىرلەپ ئىسلاھ قىلىنىپ، ياراملىق زىيالىيلارغا تاپشۇرۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىتەرەپ ھالدا ھىچقانداق تەشكىلات، ھۆكۈمەت، جامائەتتىن ئىقتىسادى ياردەم ئالمىغان ئەھۋالدا 100دىن ئارتۇق پىدائىينى تەشكىللەپ، ئايلىق زىيارەت مىقدارى بىر  مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇرمەنگە 10 خىل تىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيتىنى خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتقان مۇنتىزىم ئاخبارات ئورگىنى. باش مەسئۇلنىڭ ۋەزىپىسى-باش مۇھەرىر تەيىنلەش، خەۋەر ۋە ئوبزورلارغا ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىۋى يازغۇچىلارنى تەشكىللەش ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خىزمەت نىزامنامىسىدە يىلدا بىر قېتىم سايلام قارار قىلىنغان.

تاھىر ئىمىن نازارەتچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دىموكراتىك ئۇسۇلدا سايلىنىپ چىققان يېڭى مەسئۇلنى تولۇق قوللاشنى ئۇمىد قىلغان.

ئۇيغۇرچە قانالنىڭ باش بېتى:www.iuyghur.com

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىس سايلىمىنى كىچىكتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

دۈ ماي 13 , 2019
ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىس سايلىمىنى كىچىكتۇرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

You May Like