ئۈرۈمچىدىكى ئوت دۇنياغا تۇتاشتى

ئۈرۈمچىدىكى ئوت دۇنياغا تۇتاشتى

ئۈرۈمچىدىكى ئوت دۇنياغا تۇتاشتى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 27-نويابىر

24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى. بۈگۈنگە قەدەر خىتاي دۆلىتى ئىچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى بىر قانچە دۆلەتتە ۋەقەدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە خىتاي كوممۇنىست رېجىمغا قارشى نامايىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى 25-نويابىردىن باشلاپ كوچىلارغا چىقىپ دائىرىلەرنىڭ ۋىرۇس باھانىسىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قامال سىياسىتىنى بىكار قىلىشى توغرىسىدا شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلدى، نامايىش 25-نويابىر كېچىگە قەدەر داۋاملاشتى. ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان قىسقا فىلىملاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى كۆپلىگەن ساقچى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى مەلۇم بولغان. ئوخشاش ۋاقىتتا غۇلجا، كورلا، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئوخشاش تېمىدىكى نامايىشلار بولۇپ ئۆتكەن. مەلۇم بولۇشىچە نامايىشقا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسلىقىنى خىتاي كۆچمەنلىرى تەشكىل قىلغان. 27- نويابىرغا قەدەر كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا دائىرىلەر قامال سىياسىتىنى قىسمەن بوشاتقان.

26-نويابىر ئىجتىمائىي تورلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەيگە جايلاشقان «ئۈرۈمچى يولى»غا مىڭلىغان خىتاي خەلقى يىغىلىپ نامايىش قىلىشقان. ئۇلار نامايىش جەريانىدا «ئۈرۈمچىنىڭ قامىلىنى بىكار قىلىش كېرەك»، «پۇقرالارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان. بەزى سىنلاردا ھەتتا «شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن! كومپارتىيە تەختتىن چۈشسۇن!» دېگەن نامايىش سادالىرى ئاڭلانغان. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ تا بۈگۈنگە قەدەر خىتاي خەلقى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئاڭلىتىلغان بۇ تۈردىكى شوئارلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە خەلقئارا مېدىئالارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان. نامايىش ئاخىرىدا شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان كۆرۈنۈشلىرى، ھەتتا «ئۈرۈمچى يولى» دەپ خەت يېزىلغان تاختىلارنى مەجبۇرىي سۆكۈپ ئېلىۋېتىشىدەك كۆرۈنۈشلەرمۇ تور دۇنياسىغا تارالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ كىشىلەرنىڭ تىئەنئەنمېن خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى فىلىملەرمۇ تارالغان. «فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «نەنجىڭ ئاخبارات ئىنستىتۇتى»، « بېيجىڭ مەركىزى سەنئەت ئىنستىتۇتى»، «نەنجىڭ ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى»، « سىچۈەن كىنو تېلېۋىزىيە ئىنستىتۇتى» قاتارلىق خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ قارشىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن.

27-نويابىرغىچە خىتاي ئىچىدىكى قارشىلىق نامايىشلار  «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» دېگەن ئورتاق نام بىلەن خىتاي ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن.

نامايىش ئۇچقۇنلىرى ئوخشاشلا چەتئەللەرگىمۇ تۇتاشقان بولۇپ، 25- نويابىر كۈنىدىن باشلاپ تۈركىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشلىرى بولۇپ ئۆتۈلدى.

25-نويابىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ئەھمەد جامىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان. نامايىشتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ۋەقەسى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چۈشەنچە تەلەپ قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى ھەققىدە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 26-نويابىر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ ھەقتە ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ مەكتۇپ يوللىغان.

26-نويابىر ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پايتەخت ۋاشىنگتوندا يىغىلىپ نامايىش قىلىشقان. نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، لاگېر شاھىتلىرى، ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىم ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەپ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى جىنايىتىنى پاش قىلغان.

ئوخشاش تۈردىكى نامايىشلار 26-نويابىر بېرلىن، ئوسلو، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. 27- نويابىر ئامستېردام، پارىژ، ميۇنخېن، مېلبورن قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.

27-نويابىر پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان ئېففېل مۇنارىنىڭ ئاستىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق» مەيدانىدا 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار يىغىلىپ خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان، نامايىشقا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە تەيۋەن، خوڭكوڭلۇق قوللىغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. نامايىش جەريانىدا قازا قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاتاپ قىرائەت قىلىنىپ دۇئالار قىلىنغان. 

ئىگىلىشىمىزچە بىرقانچە كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي پائالىيەتچى گۇرۇپپىلىرىمۇ ئوخشاش نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ خىتاي كومپارتىيەسى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرگە بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كانادا: خىتاي دۇنيادىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ دۆلەت

دۈ نويابىر 28 , 2022
كانادا: خىتاي دۇنيادىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ دۆلەت

You May Like