ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنى 10 مۇھىم خەۋەر

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنى 10 مۇھىم خەۋەر

 ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنى  10 مۇھىم خەۋەر

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-مارت

1-ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم شەھىرى خېرسون قولدىن كەتتى؛

2-خاركىۋ ۋە كىيېۋ قاتارلىق چوڭ ئىككى شەھەر داۋاملىق ھاۋا ھۇجۇمى ئاستىدا؛

3-بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىقلار ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە مۇساپىر بولماقتا. پولشا ۋە ۋېنگىرىيە ئەڭ كۆپ ئۇكرائىنلىقلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەت بولۇپ قالدى؛

4-ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 10 مىليارد دوللار ياردەم بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىن بارغان ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلدى،ئامېرىكا رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادى جازانى ئېغىرلاشتۇردى؛

5-دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇكرائىنالىق ئەرلەر ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق دۆلىتىگە قايتماقتا؛

6-پۇتىن نۇتۇق سۆزلەپ:«ئۇكرائىنالىقلار ئايرىم بىر مىللەت ئەمەس، ئۇلار رۇس مىللىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى فاشىست ۋە ناتسىست بىز ئۇكرائىنانى ئازاد قىلىشمىز كېرەك» دېدى؛

7-تۈركىيە ھوقۇقىنى قوللىنىپ، رۇسىيە پاراخوت كېمىلىرىنىڭ قارا دېڭىزدىن ئۆتۈشنى چەكلىدى. ئەردوغان رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلىدى؛

8-خىتاي داۋاملىق رۇسىيە تەرەپتە تۇرماقتا. ئامېرىكا ھەربىي ئاخباراتىغا قارىغاندا، خىتاي رۇسىيەدىن ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان؛

9-ئۆلگەنلەرنىڭ سانى: رۇسىيە تۇنجى قېتىم ئۆز تەرىپىدىن ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 500 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛

10-ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زىلنىسكى نۇتۇق سۆزلەپ: « ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىزگە ھازىر بەرگەن ياردەملىرى بەك كېچىكتى، بۇرۇنراق بەرگەن بولسا، بەلكىم بۇ قەدەر كۆپ پۇقرا ئۆلمىگەن بالىلار ئۆلمىگەن بولاتتى. ئەمما ھازىر بىز خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز، بىزگە ھاۋا مۇداپىئەسى ياردىمى كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە: « رۇس ئانىلار، كىچىك بالىلىرىڭلارنى ئىلىپ كېتىڭلار، ئۇلار بۇ يەردە بىھۇدە ئۆلۈپ كەتمىسۇن » دېدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خەلقئارا مېيىلار ئولىمپىك كومېتىتى رەئىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە قىلغان سۆزلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەرجىمە قىلىمنىغان

شە مارت 5 , 2022
خەلقئارا مېيىلار ئولىمپىك كومېتىتى رەئىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە قىلغان سۆزلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەرجىمە قىلىمنىغان

You May Like