رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنىدە

رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنىدە

 رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنىدە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 3-مارت

مەنبە: ب ب س تورى. تەرجىمىدە ئۇيغۇر تېكىن

3-مارت، رۇسىيە قوزغىغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنىگە قەدەم قويدى. بۈگۈنكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى تۆۋەندىكىچە:

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت قايتا باشلاندى. سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرى: ئۇرۇش توختىتىش، ئىنسانىي ياردەم كارىدورى قۇرۇپ چىقىپ مۇساپىرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش؛

ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى مارىپۇلدا جەڭ ئەڭ شىددەتلىك بولدى. رۇسىيە قوشۇنلىرى بۇ شەھەردە نۇقتىلىق ھالدا زەمبىرەك ھۇجۇمىنى توختاتمىدى. نۇرغۇن پۇقرالار شەھەردە قاپسىلىپ قالدى. بەزى پۇقرالارنىڭ ب ب س مۇخبىرىغا دەپ بېرىشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان توك توختىغان، سۇ، پارمۇ يوق، زاپاس يېمەكلىكلەر ئىنتايىن ئاز قالغان؛

رۇسىيە قوشۇنلىرى ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى خېرسون شەھىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان. بۇ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى رۇسىيە قوشۇنلىرى تولۇق كونترول قىلغان تۇنجى ئۇكرائىنا شەھىرى ئىكەن؛

رۇسىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق تۈردە ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلىۋالسا ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپنىڭ دېڭىز ئالاقىلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالىدۇ؛

پايتەخت كىيېۋ داۋاملىق تۈردە ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ كونتروللۇقىدا،ئەمما شەھەردىن بىرئاز يىراقتىكى جايدا زور بولغان رۇسىيە بىراۋنىڭ قوشۇنى ئورۇنلىشىپ بولغان؛

مىليوندىن ئارتۇق پۇقرا ئۇكرائىنادىن قېچىپ چىققان، ئېنىق مەنبەلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا نەچچە يۈز پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن؛

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف سۆز قىلىپ: «ئەگەر 3- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىسا، بۇ مۇتلەق ھالدا يادرو ئۇرۇشى بولىدۇ، ئەمما رۇسىيە بۇنى ئويلاشمايدۇ» دېگەن. 

پۇتىن بۈگۈن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ۋە بىتەرەپ دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىغا چوقۇم يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛

مەركىزى بېيجىڭ شەھىرىگە جايلاشقان «ئاسىيا ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش بانكىسىAIIB» بۈگۈن بايانات بېرىپ رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تۈرلەرنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان؛

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنى 10 مۇھىم خەۋەر

پە مارت 3 , 2022
ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 8-كۈنى 10 مۇھىم خەۋەر

You May Like