نۆۋەتتىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغال ئەھۋالى

نۆۋەتتىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغال ئەھۋالى

 نۆۋەتتىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغال ئەھۋالى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 01-مارت

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ئۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭInstitute for the Study of War ئېلان قىلغان نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنادىكى ئىشغالىيەتچى رۇس ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش باشلىنىپ 6-كۈنىگە قەدەم قويغاندا رۇسىيەنىڭ پەرىزىگە قارشى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان. شۇ سەۋەبلىك رۇسىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت پىلانىنى قايتىدىن تۈزۈشكە توغرا كەلگەن. تۆۋەندىكىسى بىرقانچە رايونلاردىكى ئاساسلىق ئۇرۇش ۋەزىيىتى:

كىيېۋ: ھازىرغا قەدەر ئۇكرائىنانىڭ بۇ شەھەردىكى مۇداپىئە كۈچى ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى چەكلىك بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە ئارقا سەپ قوشۇنىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە رۇسىيە بىر قانچە سائەتنىڭ ئىچىدە كىيېۋقا قارىتا تېخىمۇ شىددەتلىك بولغان ھۇجۇمنى باشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خاركوف: ئۆتكەن 48 سائەت ئىچىدە رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ شەھەرگە بولغان ھۇجۇم كۈچىنى ئاشۇرغان. نۆۋەتتە ئۇلار سېلىندىرلىق راكېتا قويۇپ بېرىش قوراللىرىنى ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا. بۇ خىلدىكى قورالنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ شەھەردە نەچچە ئۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋەرلىرى كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت رۇسىيە تەرەپ بىر قىسىم چەكلەنگەن قوراللارنىمۇ ئىشلەتكەن. مەسىلەن:يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۆيدۈرگۈچى قوراللار. ئەمما بۇ ئۇچۇرلار تېخى دەلىللەنمىگەن.

ئۇكرائىنانىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى رايونلار: ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ رايونلاردىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرئىتى دەسلەپكى بىر قانچە كۈنگە سېلىشتۇرغاندا سەل ئاستىراق بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم رۇسىيە تەرەپ شەرقتىكى مارىپۇل قاتارلىق شەھەرلەرگە ئاساسلىق كۈچىنى قاراتقانلىقىدىن بولسا كېرەك.

مەنبە: ئەنگلىيە ب ب س تورى

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى: يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن

سە مارت 1 , 2022
فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى: يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن

You May Like